مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

يۈرەك بۆلۈمى

ئاساسىي ئەھۋالى

     دوختۇرخانىمىز يۈرەك كىسەللىكلەر بۆلۈمى 2005-يىلى ئەسلىدىكى ئىچكى كىسەللىكلەر بۆلۈمى ئاساسىدا قۇرۇلغان. (ئىچكى كىسەللىكلەر بۆلۈمى 1975-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ، تەدرىجى تەرەققى قىلىپ يۇرەك كىسەللىكلەر بۇلۇمى، ھەزىم كىسەللىكلەر بۆلۈمى، نەپەس كىسەللىكلەر بۆلۈمى، مىڭە كىسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرگە ئايرىلدى) شۇنىڭدىن باشلاپ يۇرەك قان-تۇمۇر كىسەللىكلەر بۇلۇمى نامى بۇيىچە يۇرەك قان تۇمۇر سىستىمىسى، مىڭە قان تۇمۇر سىستىمىسدا كوپ ئۇچرايدىغان كىسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيىچە داۋالاش ۋە پەرۋىش خىزمەتلىرى قانات يايدۇرۇلغان. 2008-يىلىغا كەلگەندە دولەتنىڭ 11-5 يىللىق پىلانىدىكى ‹تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى- تۇراقلىق يۈرەك سانجىقىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە دىئاگنوز قۇيۇش داۋالاش ئۆلچىمىنى بىكىتىش› تەتقىقات تۈرىنى ئۈسىتىمىزگە ئېلىپ 2010-يىلى تاماملاپ دۆلەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتۇق، 2008-يىلى يۇقارقى خىزمەتلەر ئاساسىدا بۆلۈمىمىز دۆلەت دەرىجىلىك نوقتىلىق بۇلۇم، ‹‹تۇراقلىق يۇرەك سانجىقى نوقتىلىق بۇلۇمى›› نوقتىلىق كىسەل قۇرۇلۇشى بۇلۇپ بىكىتىلدى. نوۋەتتە جەمىيەت تەرەققىياتنىڭ ئېشىشى ۋە تۇرمۇش سەۋيەسىنىڭ يۇقىرى كۇتۇرلىشىگە ئەگىشىپ كۇندىن-كۇنگە كۇپىيۋاتقان تاجىسمان ئارتىريە بوتقىسىمان قېتىش خارەكتىرلىك يۇرەك كىسەللىكلىرى، تۇراقلىق يۈرەك سانجىقى، كونىراش خارەكتىرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۇقىرى مايلىق قان كىسىلى قاتارلىقلارنى ئەسلىدىكى قىلىپلاشقان كىلنىكا داۋالاش لاھىيەسى بۇيىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە  رىماتىزىملىق يۈرەك كىسىلى، يۇقىرى قان بېسىم خاراكتىرلىك يۈرەك كىسىلى، نىرۋا خارەكتىرلىك يۇرەك كىسەللىكلىرى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كىسىلى، كېڭىيىش خاراكتىرلىك يۈرەك كىسىلى، قېلىنلاش خاراكتىرلىك يۈرەك مۇسكۇل كىسىلى قاتارلىق كوپ ئۇچرايدىغان يۇرەك كىسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيىچە كىلنىكا داۋالاش لاھىيەسىنى تۇزۇپ چىقىش  خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدۇق. 12-5 يىللىق تەرەققىيات پىلاندىكى ‹يۈرەك رېتىمسىزلىقىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە دىئاگنوز قۇيۇش داۋالاش ئۆلچىمىنى بىكىتىش›، ‹يۇقىرى مايلىق قان كىسىلىنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدە دىئاگنوز قۇيۇش داۋالاش ئۆلچىمىنى بىكىتىش › تەتقىقاتىنى تاماملىدۇق، ھازىرغىچە 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلدۇرۇلدى. يۈرەك رېتىمسىزلىقى ۋە يۇقىرى مايلىق قان كىسىلى تەتقىقات تۈرىگە ئاساسەن يۇقارقى كىسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تىبابەت بويىچە ئۈنۈملۈك داۋالاش توغرىسىدا كىتاب يېزىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىمىز. نوقتىلىق كىسەللىكلەرنىڭ كىلنىكا داۋالاش لاھىيەسىنى قىلىپلاشتۇرۇپ بىكىتىش خىزمىتىنى تاماملاشتا ئاكتىپلىق رۇلىمىزنى تۇلۇق جارى قىلدۇردۇق. ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا خاس ئەۋزەللىكلەرنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ خۇشاللىنارلىق نەتجىلەرنى قولغا كەلتۇردۇق. 2014-يىلى، 2016-يىلى ئايرىم ئايرىم ھالدا دوختۇرخانا بويىچە ئىلغار كوللىكتىپ بۇلۇپ باھالانغان.

مۇتەخەسىسلەر
  • ئىبادەتخان
    ئىبادەتخان

    بۆلۈم مۇدىرى

ئۈستىگە قايتىش