مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

جىگەر ئۆت كىسەللىكلىرى بۆلۈمى

ئورنى :2- بىنا 5- قەۋەت

ئاساسىي ئەھۋالى

   جىگەر-ئۆت كېسەللىكلەر بۆلۈمى 2016-يىلى 4-ئايدا يېڭىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرى بىلەن دائىم ئۇچرايدىغان جىگەر-ئۆت كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى ئاساس قىلىغان بولۇپ، داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

جىگەر-ئۆت كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئاساسى دوختۇرخانىمىزنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە پىشقەدەم داڭلىق تىۋىپلارنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ۋە داۋالاش تېخنىكىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، نەچچە ئەۋلاد تىۋىپلارنىڭ ئۆزلىكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، ئىلگىرىكى ئۇنىۋىرسال كېسەل كۆرۈشتىن مەخسۇس بۆلۈملىشىش يولىغا مېڭىپ، 2008-يىلى ھەزىم كېسەللىكلەر بۆلۈمى قۇرۇلغان، 2016-يىلى 4-ئايدا جىگەر-ئۆت كېسەللىكلەر بۆلۈمى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس بۆلۈم-مەخسۇس كېسەللىك يۈنۈلىشى بويىچە كىلنىكىلىق داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.   

جىگەر-ئۆت كېسەللىكلەر بۆلۈمدە ھازىر 10 نەپەر تىببىي خادىم بار، بۇلاردىن مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچ 1 نەپەر، مەسئۇل ۋىراچ 1 نەپەر، بالنىست ۋراچ 3 نەپەر، سېستىرا 5 نەپەر.

جىگەر-ئۆت كېسەللىكلەر بۆلۈم قۇرۇلغاندىن باشلاپ پىشقەدەم داڭلىق تىۋىپلارنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ۋە داۋالاش تېخنىكىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن باشتىن–ئاخىرى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، مەخسۇس بۆلۈم-مەخسۇس كېسەللىك ئالاھىدىلىگىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىمارلارنىڭ مىزاخ، خىلىت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن مىزاج تەڭشەشنى ئاساس قىلىپ، كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى %100 ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.

جىگەر-ئۆت كېسەللىكلەر بۆلۈمى داۋالايدىغان كېسەللىكلەر : ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆت تاش كېسەللىكى، سوزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر ياللۇغى، جىگەر ئاجىزلىقى، جىگەرنى ماي قاپلاش، جىگەر قېتىش، جىگەر قانتومۇر ئۆسمىسى، جىگەر چۇڭىيىش، جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى، سېرىقلىق چۈشۈش كېسىلى، ئېغىز يارىسى، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، سۇزۇلما ئۈچەي ياللۇغى، يارا خارەكتىرلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، مەقەت ئاقمىسى، مەقەت يېرىلىش، مەقەت چىقىۋېلىش، بۇۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەر ۋە مۇشۇ كېسەللىكلەرگە قۇشۇلۇپ كەلگەن باشقا كېسەللىكلەر.

جىگەر-ئۆت كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە يەرلىك ئورونغا زىماد تېڭىپ داۋالاش، پاشويە قىلىپ داۋالاش، مايلاپ داۋالاش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، ۋاننا قىلىپ داۋالاش، غەرغەرە قىلىپ داۋالاش، كىلىزما قىلىپ داۋالاش، كېماد قىلىپ داۋالاش قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە داۋالاش تېخنىكا ئۇسۇللىرىدىن باشقا يىڭنە سانجىش، توكلۇق يىڭنە سانجىش، ئەمەن بىلەن داۋلاش، قۇلاق پەللىسدىن داۋالاش، تاپاننى رىفلىكىسلىق داۋالاش، پەللە ئارقىلىق ئۇۋىلاپ داۋالاش، ئوتتۇرا دولقۇنلۇق توك ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، ئۇۋىلاپ داۋالاش، لوڭقا قۇيۇش، سىرىپ داۋالاش قاتارلىق ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش يولغا قۇيۇلغان.

جىگەر-ئۆت كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، بىمارلارنى مەركەز قىلىش ئىدىيىسىنى چۆرىدەپ، ئەلا مۇلازىمەت ۋە يۇقۇرى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئارقىلىق كەڭ بىمارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە.

 

مۇتەخەسىسلەر
ئۈستىگە قايتىش