مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى

ئورنى :2- بىنا 3- قەۋەت

ئاساسىي ئەھۋالى

. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش بۈلۈمى 2012-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن ھازىرقى زامان سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كىسەل داۋالاشنى بىر گەۋدە قىلغان كۈلۈمى بىر قەدەر چوڭ، ئەسلەھەلىرى تۇلۇق، تەخنىكا قابىلىيتى بىر قەدەر يۇقۇرى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش بۈلۈمى. بۈلۈمىمىزدە 10 نەپەر كەسپى خادىم بۇلۇپ مەسئۇل ۋاراچتىن يۇقۇرى ئۈنۋاندىكى مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەت بىلەن كىسەل كۈرىدۇ. داۋالاشتا ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇللىردىن سېستىمىلاشقان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، قول ئەمىلىيتى بىلەن داۋالاش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش، يىڭنە سانچىپ داۋالاش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، يۇقۇرى بېسمىلىق ئوكسىگىندا داۋالاش، دورا تېڭىپ داۋالاش، نۇر بىلەن داۋالاش، ماگىنىت دولقۇنىدا داۋالاش، مىكرو دولقۇندا داۋالاش، ئوتتۇرا دولقۇنلۇق توك ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، دورىغا چىلاپ داۋالاش، ھوردۇتۇپ داۋالاش، پاشۆيا قىلىپ داۋالاش، لوڭقا قۇيۇپ داۋالاش، لوڭقا سىرىپ داۋالاش، سىرىپ داۋالاش، شام قۇيۇپ داۋالاش، سۇزۇپ داۋالاش، ھەركەتلىك داۋالاش، تاپشۇرۇق ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىق ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن ھازىرقى زامان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ئىلمىنىڭ ئىلغار داۋالاش تېخنىكىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەرخىل سەۋەبلەردىن بولغان كىسەللىكلەرگە قارتا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.

 

مۇتەخەسىسلەر
ئۈستىگە قايتىش