مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

تال-ئاشقازان كېسەلىكلىرى بۆلۈمى

ئورنى :2-بىنا 5- قەۋەت

ئاساسىي ئەھۋالى

تال ئاشقازان كېسەللىكلەر بۆلۈمى  2016-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بۇلۇپ، جەمئى 10نەپەر خادىم بار ،بۇنىڭ ئىچىدە  5 نەپەر دوختۇر،  5 نەپەر سىستىرا بار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈنۋاندىكىلەر 2 نەپەر بۇلۇپ، 20% نى ئىگەللەيدۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۈنۋاندىكىلەر 2 نەپەر بۇلۇپ، 20% نى ئىگەللەيدۇ، تۈۋەن   دەرىجىلىك   ئۈنۋاندىكىلەر 6 نەپەر بۇلۇپ، 60% نى ئىگەللەيدۇ تولۇق كۇرۇس ئوقۇش تارىخىدىكىلەر 4نەپەر بولۇپ،40%نى ئىگىلەيدۇ، مەخسۇس كۇرۇس ئوقۇش تارىخىدىكىلەر5نەپەر بولۇپ 50%نى ئىگەللەيدۇ، ئوتتۇرا تېخىنكوم ئوقوش تارىخىدىكىلەر 1نەپەر بولۇپ 10%نى ئىگەللەيدۇ.   

بۈلۈمىمىزدە ئاساسلىقى سوزۇلما خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان تۆۋەنلەش، ئاشقازان ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، ئۈچەي توسۇلۇش، يارا خاراكتىرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، قەۋزىيەت، ئۈچەي ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، تال يوغىناش،ئىچكى بوۋاسىر كىسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تىبابەت ئالاھىدىلىكى بۇيىچە داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.

ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن زىمات تېڭىپ داۋالاش، غەر-غەر قىلىپ داۋالاش، پۈركەلمە قىلىپ داۋالاش،كىلىزما قىلىپ داۋالاش، ئابىزەن قىلىپ داۋالاش، مايلاپ داۋالاش، شامچە قىلىپ داۋلاش، پاشۆيە قىلىپ داۋالاش،ئەمەن بىلەن داغلاپ داۋالاش،  يىڭنە سانجىپ داۋالاش، ئۇۋلاپ داۋالاش، شام قۇيۇپ داۋالاش، ئوتتۇرا دولقۇندا داۋالاش، پەللىگە ئۇكۇل ئۇرۇپ داۋالاش، TDPدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، توكلۇق يىڭنە سانجىپ داۋالاش، شاخەك قۇيۇپ داۋالاش، سىيرىپ داۋالاش، يۇقىرى بېسىملىق ئوكسىگىندا داۋالاش، مىكرو دولقۇندا داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.

مۇتەخەسىسلەر
  • ئابدۇللا مەمتىز
    ئابدۇللا مەمتىز

    بۆلۈم مۇدىرى

ئۈستىگە قايتىش