مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

  ┛━تىرە كېسەللىكلىرى 1- بۆلۈمى

ئورنى :2- بىنا 6- قەۋەت

ئاساسىي ئەھۋالى

 

تېرە كېسەللىك 1-بۆلۈمى ئەسلىدىكى تېرە تاشقى كېسەللىك بۆلىمى ئاساسىدا تەدىرىجى تەرەقى قىلىپ 1996- يىلى مەخسۇس تېرە كېسەللىك بۆلىمى بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ،  2016-يىلى 4-ئايدا يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مەخسۇس كەسىپلىشىش يولىغا مېڭىپ مەخسۇس بۆلۈم قۇرلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېرە 1-بۆلۈم ۋە تېرە 2- بۆلۈم بولۇپ ئايرىلدى. تېرە كېسەللىك 1-بۆلۈمىمىزدە 10 نەپەر كەسپى خادىم بار، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقۇر دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكىلەر 1 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكىلەر 2 نەپەر، توۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكىلەر 7 نەپەر .

بۆلۈمىمىز دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن باشلاپ پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ قەدىمى مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ جاھىل خارەكتىرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا مول تەجىربىگە ئىگە بۆلۈم بولۇپ، ئاساسلىق قىلىپ ئاقكېسەل، بەھەق، يەلتاشما، قارا داغ، دائىرلىك چاچ چۈشۈش، بۇۋاسىر... قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش قانۇنىيتى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن كۈن نۇرىغا قاقلاپ داۋالاش، زىماد تېڭىپ داۋلاش، دورا سۈيىدە يۇيۇش، ھوردىتىپ داۋالاش، ۋاننا قىلىپ داۋالاش، مايلاپ داۋالاش بىلەن KN-4001 تىپلىق ئولتىرا بىنەفشە نۇردا داۋالاش ئاپىراتى ۋە 380 تىپلىق كۇۋازى نۇردا داۋالاش ئاپىراتى، TDP ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئاپىراتى قاتارلىق ئىلغار زامانىۋى داۋالاش ئۈسكۈنىرىدىن پايدىلىنىپ داۋالاشنى زىچ بىرلەشۈرگەن داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان ( قىش ۋە يازدا ئوخشاش داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان) داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدە قىلىنغان مەخسۇس كېسەللىك بۆلۈم.

مەتسابىر مەتسىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

تېرە كېسەللىكلەر 1-بۆلىمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ

1982- يىلدىن 1985- يىلغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك تېببى مەكتەپ ئۇيغۇر تېبابەت داۋالاش كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شۇ يىلى 8- ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا تەقسىم قىلىنغان، شۇنىڭدىن ھازىرغىچە مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ تېرە- تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. 1989- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ تۇرپاندا ئاچقان سۆڭەك، تېڭىق كۇرۇسىغا يېرىم يىل بىلىم ئاشۇرغان، 1994- يىلى ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا تاشقى كېسەللىك، سۆڭەك ئوپراتسىيەسى بويىچە بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان. 2004- 2006- يىللىرى شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت داۋالاش كەسپىدە ئوقۇپ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان.

ئۇ ئۆز خىزمىتىنى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت «35 نەپەر تەڭگە تەمرەتكە بىمارلىرىنى داۋالاشتىن خۇلاسە»، «178 نەپەر ئاق كېسەل بىمارلىرىنى داۋالاشتىن خۇلاسە»، «غەيرى تەبىئى خىلىتلارنىڭ ئاددى تىپلىق تەڭگەسىمان تەمرەتكىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىخاينىزىمى توغرىسىدا»  قاتارلىق 18 پارچە ئىلمىي ماقالە يازدى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر تىېبابەتچىلىكى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكوم ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلدۇردى. ئەركىنجان تۇردى بىلەن بىرلىشىپ يازغان «ئاق كېسەل پەيدا بولۇشنىڭ ئېلمىنىتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» قاتارلىق ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «جۇڭگۇ مىللى تېبابەتچىلىك ئىلمى ژورنىلى» نىڭ 2007- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىندى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىرە كېسەللىكلەر 2- ئەۋلات دەرىسلىك كىتاۋىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، كىتاب نەشرىدىن چىقتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومى نەشىرگە تەييارلىغان «ئۇيغۇر تېبابەت كەسپى خادىملىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئۆگىنىش پىروگىراممىسى» ناملىق كىتابنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى قىسمنى يازدى ۋە بۇ كىتاب 2002- يىلى نەشىر قىلىندى. 2007- يىلدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومى تەرىپىدىن «تىرە كېسەللىكلەر دەرىسى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىپ، دەرىس سۆزلەپ كىلىۋاتىدۇ. 2008- يىلىدىن ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ھەمكارلىشىپ ئۈستىگە ئالغان دۆلەتنىڭ 11- بەش يىللىق پەن- تېخنىكىنى تىرەك قىلىش پىلانىدىكى «تەڭگەسىمان تەمرەتكە ۋە ئاق كېسەلنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەتقىقاتى» دا ئاساسىي تەتقىقاتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى ۋە بۇ تەتقىقات تېمىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش بىلەن بىرگە ئۈچ پارچە تەتقىقات ماقالىسىنى پۈتكۈزۈپ يۇقىرىغا يوللىدى.

مەتسابىر مەتسىدىق خىزمەت داۋامىدىن جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بىمارلارغا بېغىشلاپ، ئەلا مۇلازىمەت، ئىللىق مۇئامىلە ئارقىلىق دوختۇرخانا داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى. ئىلگىرى- كېيىن ئۈچ قېتىم مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. 1999- يىلى ئۇيغۇر تېبابىتى تېرە كېسەللىكلىرى بويىچە مەسئۇل ۋىراچ، 2007- يىلى تېرە كېسەللىكلىرى بويىچە مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 2012- يىلى تېرە كېسەللىكلىرى بويىچە مۇدىر ۋاراچلىق ئۈنۋانىنى ئېلىپ شۇ ۋەزىپىدە كېسەل كۆرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى يېڭى ئۇسۇللار تىمىسىدىكى كىتاب يېزىپ نەشرىياتقا يوللاش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

 

مۇتەخەسىسلەر
ئۈستىگە قايتىش