مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

  ئۆپكە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

ئورنى :2-بىنا 4- قەۋەت

ئاساسىي ئەھۋالى

ئۆپكە كىسەللىكلەر بۆلۈمىمىز دوختۇرخانىمىزنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئاساسىدا 1975-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان،2015-يىل ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئۆپكە كېسەللىكلەر نوقتىلىق بۆلۈمى بولۇپ ئەنگە ئېلىنغان. بۆلۈمىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەنئەنىۋى دېئاگنوز قويۇش،داۋالاش ئۇسۇللىرىنى كىلىنىكىدا كەڭ قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەنئەنىۋى دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ھازىرقى زامان ئىلغار تەكشۈرۈش-دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇل چارىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللۇنۇش ئارقىلىق ، بۆلۈمنىڭ كەسپى سەۋىيەسى ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈردى .

ئۆپكە كېسەللىك بۆلۈمىمىزدە 12 نەپەر كەسپى خادىم بار بۇلۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكى خادىم ئىككى نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكى خادىم 2 نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكى خادىم7 نەپەر .

ئۆپكە كېسەللىكلەر بۆلۈمىمىزدە 50 كېسەل كارۋىتى بار بولۇپ ،بۆلۈمىمىز رايۇنىمىزدا نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدىغان  « نەزلە » ،‹‹بۇرۇن ياللۇغى››،‹‹سوزۇلما كاناي ياللۇغى›› ، ‹‹ كانايچە زىققسى ››، «كانايچە كېڭىيىش» ،«ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى»، «كۆكرەك پەردە ياللۇغى»، «كۆكرەك پەردىسىگە سۇ چۈشۈش » ، «ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى »...قاتارلىق كىسەللىكلەر ئۈستىدە مەخسۇس داۋالاش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدىغان، داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىرگەۋدە قىلىنغان كىلىنىكىلىق بۆلۈم . بۆلۈمىمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ نەپەس سېستىما كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ، بىمارلارنىڭ مىزاجى ۋە خېلىتىنى ئايرىپ كىسەللىك ماددىسىغا قاراپ مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىش، بەلغەم بوشۇتۇش، يۆتەل پەسەيتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ دەم سىقىلىشىنى يىنىكلىتىش مەقسىتدە ساپ تەبىئي يېشىل ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىشتىن باشقا ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن زىمات قىلىش ، ئىنكىباپ ( دورىلىق پۇراتما قىلىش)، پۈركەلمە قىلىپ داۋالاش، بوخۇر قىلىپ داۋالاش ، مايلاپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، غەر-غەر قىلىپ داۋالاش، سېرىپ داۋالاش ، لوڭقا قويۇپ داۋالاش ، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنى ئەمەندە داغلاپ داۋالاش ، پەللىلەرگە دورا كۆمۈپ داۋالاش... قاتارلىقلارنى قوللۇنۇش ئارقىلىق داۋالاش ئىلىپ بارىدۇ .

   ھازىر بۆلۈمىمىز بىمارلارنى مەركەز قىلغان ئاساستا داۋالاش سۈپىتى كۈندىن-كۈنگە يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ، پىشقەدەم تىۋىپلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىپ ، تېببى خادىملار ئارىسىدا دەرىس سۆزلەش، ئۈزلۈكسىز تۈردە كەسپى ئۈگۈنۈش ئىلىپ بىرىپ ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ، بىمارلارغا تېببى مەسلىھەت بېرىش بىلەن بېرگە بۆلۈمدىكى يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىىنىپ داۋالاش سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىزدەنمەكتە .

مۇتەخەسىسلەر
ئۈستىگە قايتىش