مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

  سايىلاندۇرۇش بۆلۈمى

ئورنى :2- بىنا 1-قەۋەت

ئاساسىي ئەھۋالى

دوختۇرخانىمىز سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش بۆلىمى 1995-يىلىدىكى تىببى تېخنىكا بۆلۈم ئاساسىدا،2000-يىلى رەسمى سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش بۆلۈم بولۇپ قۇرۇلغان.ئىتىپاق بولغان دوختۇرخانا رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنىڭ توغرا رەھبەرلىگى ۋە ئۆزلىكسىز قوللاپ تەرەققى قىلدۇرۇشى نەتىجىسىدە بۆلىمىمىز بۇرۇنقى ئاددى بولغان تەكشۈرۈش سايمانلىرىدىن ھازىرقى داۋالاش سەھىيە ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان،ئىلغار ۋە مۇكەممەل رەقەملىك تەكشۈرۈش سايمانلىرى بولغان ،يۇقۇرى سەۋىيەلىك تېخنىكا خادىملىرى توپلاشقان تەكشۈرۈش ،تەتقىقات،ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىر گەۋدە قىلىنغان سېستىمىلىق تەكشۈرۈش بۆلىمىگە ئايلاندى.ھازىر بۆلىمىمىزدە 15نەپەر خادىم بار بولۇپ ،مۇدىر ۋاراچ بىر نەپەر،مۇئاۋىن مۇدىر ۋاراچ 2نەپەر ،باش ۋاراچ 2نەپەر،ۋاراچ7نەپەر،تۆۋەن دەرىجە ئۇنۋاندىكى خادىم 2نەپەر ،سېستىرا 1نەپەر.بۇ خادىملارنىڭ ئالدى مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىلى 24يىل بولغان،باشقا  خادىملار ئۆز كەسپى بويىچە يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا قەرەرلىك ھالدا ئۆزلىكسىز تەربىيەلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ ،كەسىپ جەھەتتە مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە .

بۆلىمىمىزگە گېرمانىيەنىڭ،ياپونىيەنىڭ ۋە ئىتالىيەنىڭ ئالى دەرىجىلىك داڭلىق ماركىلىق رەڭلىك Bچاۋ ئاپاراتىدىن 5يۈرۈش،ئادەتتىكى يۈرەك ئېلىكتىروكارتىئوگىرامما ئاپاراتىدىن 2يۈرۈش،24سائەتلىك ھەركەتچان قان بېسىم ئۆلچىگۈچ ئاپاراتىدىن 15يۈرۈش،24سائەتلىك ھەركەتچان ئىلىكتىروكارتئوگىراممىدىن 15يۈرۈش،ئىلغار بولغان مىڭە قان ئېقىمىنى تەكشۈرۈش ئاپاراتى،ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئاپاراتى،ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ئاپاراتى، بالىياتقۇ بوشلىغىنى تەكشۈش ئاپاراتى، جىنسى يول ئەينىگىدە تەكشۈرۈش ئاپاراتى قاتارلىق ئاپاراتلار سەپلەنگەن بولۇپ،ھەممە تەكشۈرۈشلەردە رەسىملىك سان-سېپىرلار ئىپادىلەنگەن، ئۆلچەملىك دوكىلات نەتىجىسى چىقىرىپ بېرىلىدۇ.بۆلىمىمىز ئەلا مۇلازىمەت،يۇقۇرى تېخنىكا بىلەن بىمارلارنى ئەڭ يۇقۇرى چەكتە رازى قىلىشنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان.

مۇتەخەسىسلەر
ئۈستىگە قايتىش