مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

  ┛━ئۆسمە كېسەلىكلىرى بۆلۈمى

ئورنى :2- بىىنا 2- قەۋەت

ئاساسىي ئەھۋالى

دوختۇرخانىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۆپ خىل ئۆسمە - راك كىسەللىكلىرىنى داۋالاش-تەتقىقات ئەمىلىيتى جەريانىدا دوختورخانىمىزدائۆسمە كېسەللىكلەر بۆلۈمى بولماسلىقتەك بوشلوق تولدورلوپ ،دوختۇرخانىمىزدا داۋالىنۋاتقان ھەرخىل ئوسمە كىسەللىكلەرنىڭ كۇندىن-كۇنگە كوپىيشى بىلەن بىمارلارنى تىخىمۇ ياخشى داۋالاش شارائىتى ھازىرلاپ بىرىش ، سەھىيە ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋى بويىچە مەخسۇس بولوم ، مەخسۇس كىسەل قۇرلىشىنى كۇچەيتىش مەقسىددە 2011-يىل 3-ئايدا دوختۇرخانىمىزدا مەخسۇس ئۆسمە كىسەللىك بولومى قۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر مەخسۇس كەسىپلەشكەن بۆلۈم بولۇپ كەلمەكتە.

ئۆسمە كېسەللىكلەر بۆلىمىدە 8نەپەر تېببى خادىم بار بولۇپ،بۇنىڭ ئېچىدە مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ بىر نەپەر، مەسئۇل ۋىراچ بىر نەپەر، بالىنىسىت ۋىراچ ئىككى نەپەر، مەسئۇل سېستىرا بىر نەپەر، سېستىرا ئۇچ نەپەر. مەخسۇس كۇرۇس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان دوختۇرلار تۆت نەپەر.

ئۆسمە كېسەللىكلەر بۆلىمىدە 40 كىسەل كارۋېتى بار بولۇپ ئاساسلىق ئومومى بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزاۋە سىستىمىلاردا يۇزبەرگەن ھەرخىل ياخشى-يامان سۇپەتلىك ئۆسمەكىسەللىكلىرىدىن: يۇتقۇنچاق ئۆسمىسى، قىزىل ئوڭكەچ ئۆسمى،ئاشقازان ئۆسمىسى،ئاشقازان ئاستى بەز ئۆسمىسى،تۇز ئۇچەي ئۆسمىسى،جىگەر ئۆسمىسى،جىگەر قان تومور ئۆسمىسى،كىكىردەك ئۆسمىسى،ئۆپكە ئۆسمىسى،ئۇرۇقدان ئۆسمىسى،مەزى بىزى ئۆسمىسى، تۇخۇمدان ئۆسمىسى، تۇربا يول ئۆسمىسى،بالىياتقۇ بوينى ئۆسمىسى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ئۆسمسى،بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ مونچاق گۆش ئۆسمىسى،بۆرەك ئۆسمىسى،دوۋساق ئۆسمىسى،سوڭەك ئۆسمىسى،كۆمۆرچەك ئۆسمىسى،تاشقى تىرە ئۆسمە كىسەللىكى،تىرە ئاستى ماي بەز ئۆسمىسى، كۆكرەك سۇت بىزى ئوسمىسى، لىمفا بەز ئۆسمىسى،قان تومور ئۆسمىسى، مىڭە ئۆسمىسى،قالقانسىمان بەز ئۆسمىسى،قاتارلىق كىسەللىكلەر ئۈستىدە مەخسۇس داۋالاش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدىغان، داۋالاش، تەتقىقات، ئوقۇتۇش بىرگەۋدە قىلىنغان كىلىنىكىلىق بۆلۈم بولۇپ، بۇ بۆلۈم دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ غەرىپ تېبابىتىدە داۋالاش قىيىن بولغان ھەرخىل جاھىل ياخشى-يامان سۇپەتلىك ئۆسمەكىسەللىكلىرىنى تەبىئىي ساپ بولغان ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالاش ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەۋزەللىگىدىن پايدىلىنىپ كىسەللىكنىڭ  قايتا قوزغولوشى ۋە باشقا ئورونغا يوتكولوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، شۇنداقلا ئوپىراتسىيە ۋە بىئۇ - خىمىيلىك داۋالاش كەلتۇرۇپ چىقارغان دورا ئوكوللارنىڭ ناچار تەسىرىنى يوقوتوش ئاساسىدا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىپ داۋالاش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.

   ئۆسمە كېسەللىكلەر بۆلۈم ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بىمارلارنىڭ ئەسلى مىزاجى ۋە ئۆزگەرگەن مىزاجىنى ئاساس قىلىپ، تۇرمۇش ئادېتى، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا بېرلەشتۈرۈپ، زامانىۋىتەكشۈرۈش ئۈسكىنلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دىئاگىنۇزنىڭ توغرا بولۇش نېسبىتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. داۋالاشتا مۇنزىچ-مۇسھىل بېرىش، ئۆسمىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەش،ئۆسمىنى يوقۇتۇش، قان تازلاش،ئاغرىق پەسەيتىش، سىرىتتىن مۇناسىپ زىماد تېڭىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.

   ھازىر بۇ بۆلۈم بىمارلارنى مەركەز قىلغان ئاساستا داۋالاش سۈپېتى كۈندىن-كۈنگە يۇقۇرى كۆتۈرلۈپ، پىشقەدەم تىۋىپلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىپ تېببى خادىملار ئارىسىدا دەرىس سۆزلەش، ئۈزلۈكسىز تۈردە كەسپى ئۈگۈنۈش ئىلىپ بىرىپ ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش بىمارلارغا تېببى مەسلىھەت بېرىش بىلەن بېرگە بۆلۈمدىكى يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدېىنىپ داۋالاش سۈپېتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىزدەنمەكتە

مۇتەخەسىسلەر
ئۈستىگە قايتىش