مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

  ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى

ئورنى :1- بىنا 1-قەۋەت

ئاساسىي ئەھۋالى

 ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى 1956-يىلى دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دوختۇرخانىمىزنىڭ ئامبۇلاتورىيە شارائىتىدىكى داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

دوختۇرخانىمىز ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى 1956-يىلى پارتىينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتتىن داڭلىق، ئاتالغان پىشقەدەم تىۋىپلارنى يىغىپ، پاي قوشۇش شەكلىدىكى كوللىكتىپ ھالدا قۇرۇلغان خوتەن ناھىيىلىك ئۇيغۇت تېبابەت ئامبۇلاتورىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئورنى خوتەن شەھرىنىڭ قىززىق دەرۋازىسىدا ئامبۇلاتورىيىدە كېسەل كۆرۈش، بالنىستتا داۋالاش، دورا ياساش، تەمىنلەش ئاساسىدا قۇرۇلغان.

بۇ جەرياندا شۇ ۋاقىتتىكى داڭلىق ئاتالغان پىشقەدەم تىۋىپلاردىن ئىمىننىياز ئاخۇنۇم، غۇپۇر ھاجىم، ئېلىخان ھاجىم، ئابدۇللا ھاجىم، ئىمىن ئاخۇنۇم قاتارلىقلار ئامبۇلاتورىيە خىزمىتىگە قاتناشقان.

دوختۇرخانىمىز 1974-يىلى رەسمىي دۆلەت ئىگىلىگىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى بۇلۇپ قۇرۇلغان ھەمدە مۇنتىزىم ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمدە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، دورا تەمىنلەش بۆلۈمى ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش قاتارلىق بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغان.

بۇ جەرياندا شۇ ۋاقىتتىكى داڭلىق پىشقەدەم تىۋىپلاردىن تۇردىمەھەممەت ئاخۇنۇم، ئىمىننىياز ئاخۇنۇم، تۇردى ھاجىم، ئېلىخان ھەزتىم، ئابلىمىت يۈسۈف، غوجى باھاۋۇدۇن ھاجىم، غۇپۇر ھاجىم، ئەيسا ھاجىم، مەمتىمىن داموللام، ئابلىمىت مەھەممەت ئاخۇنۇم، ئوسمان ئاخۇنۇم، ئېلىي ھاجىم، ئابدۇخالىق قارى ھاجىم، مەتتۇرسۇن مەخسۇم، تۇرسۇنتوختى ھاجىم، ھەبىيبۇللاخان ھاجىم، ئوبۇل ئاخۇنۇم، سىراجى ئەخمەت ھاجىم، ھەبىيبۇللا يۈسۈپ، مەمتىمىن ئېلىي قاتارلىقلار ئامبۇلاتورىيە خىزمىتىگە قاتناشقان.

1984-يىلىدىن باشلاپ دوختۇرخانىمىز ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى ئىلگىرىكى ئۇنىۋىىرسال كېسەل كۆرۈشتىن مەخسۇس بۆلۈملىشىش يولىغا مېڭىپ، ئامبۇلاتورىيە شارائىتىدا ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم، ئاياللار بۆلۈم، تېرە بۆلۈم قاتارلىق بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغان.

بۇ جەرياندا يۇقۇردىكى داڭلىق پىشقەدەم تىۋىپلاردىن ھايات قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئامبۇلاتورىيە خىزمىتىگە قاتناشقاندىن باشقا مەھەممەت باقى ھاجىم، مەينىگارخان ھاجىم، ھېبىبۇللاخان ھاجىم، ئابدۇخالىق قارى ھاجىم، ئابدۇخالىق ھاجىم، جېلىل ھاجىم، ئېزىز ھاجىم، ئابدۇۋاھىت ھاجىم، موھىدىن ھاجىم، ئابدۇللا ماخمۇت ھاجىم، ئابدۇغۇفۇر ھاجىم، مەمتىمىن ئېلىي، ساھىپخان تۇردىمەھەممەت ئامبۇلاتورىيە خىزمىتىگە قاتناشقان.

ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمدە ھازىر 8 نەپەر تىببىي خادىم بار، بۇلاردىن مۇدىر ۋراچ 1 نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچ 3 نەپەر، مەسئۇل ۋىراچ 3 نەپەر، سېستىرا 1 نەپەر.

ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى قۇرۇلغاندىن باشلاپ دوختۇرخانىمىز يۇقۇرى ئابروي ئىناۋەتكە ئىگە بولغان داڭلىق تىۋىپلاردىن ئابدۇللا ماخمۇت ھاجىم،  ئابدىغوپۇرھاجىم، موھىدىن ھاجىم، دوختۇرخانا باشلىقى ئۇبۇلقاسىم ئەخمەت قاتارلىق پىشقەدەم مۇتەخەسىلەر ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمدە مۇنتىزىم كېسەل كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىدا ئايرىم- ئايرىم ھالدا پىششىق دورىخانا ۋە خام دورىخانىلارنى تەسىس قىلىپ، ئامبۇلاتورىيە شارائىتىدا دەملىمە، شەربەت، مەجۈن قاتارلىق شەكىلدىكى بىمارلارنىڭ مىزاخ، خىلىت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن دورا تەييارلاپ، كېسەل داۋالاش يولغا قۇيۇلغان.

 ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى باشتىن–ئاخىرى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جاري قىلدۇرۇپ، مەخسۇس بۆلۈم-مەخسۇس كېسەللىك ئالاھىدىلىگىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاق كېسەل، تەڭگىسىمان تەمرەتكە، ھەر خىل جىگەر كىسەللىكلىرى يەنى جىگەرنى مايۇ قاپلاش، جىگەر قېتىش قاتارلىقلار ھەمدە سوزۇلما خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى، زىققا، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، قان مېيى يۇقۇرىلاش، قان قويۇلۇش، يۇقۇرى قان بىېسىم، مىڭە قان-تۇمۇر قېتىش، ھەزىم يولى كىسەللىكىدىن ئاشقازان يارىسى، ئۈچەي ياللۇغى، ھەزىم يوللۇرىدا كۈرلىدىغان راك، دىئابىت، بۆرەك تاش كېسىلى، بوغۇم ياللۇغى ۋە ھەر خىل سۆڭەك ئۆسمىلىرى، جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىق ئەرلەر كېسەللىكلىرى، ھېيىز قالايمىقانلىشىش، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى ئاياللار قاتارلىق كېسەللىكلىرى، نىرۋا ئاجىزلىق، سەۋەبى ئىنىق بولمىغان غەيرىي تىپتىكى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا %100 ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئارقىلىق داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، بىمارلارنى مەركەز قىلىش ئىديىسىنى چۆرىدەپ، ئەلا مۇلازىمەت ۋە يۇقۇرى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئارقىلىق، ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كەڭ بىمارلارنى جەلىپ قىلىپ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە.

مۇتەخەسىسلەر
ئۈستىگە قايتىش