مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

  ئالاھىدە داۋالاش بۆلۈمى

ئاساسىي ئەھۋالى

 

ئالاھىدە داۋالاش بۈلۈمىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى:

ئالاھىدە داۋالاش بۈلۈمىمىز 2007-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەرخىل يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ، مول بولغان كىلىنكىلىق تەجىربىلەرنى توپلىدى. ھازىر بۆلۈمىمىز ئۇۋلاپ داۋالاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، فىزىكىلىق داۋالاش ۋە ھازىرقى زامان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋىرسال داۋالاش بۆلۈمى بولۇپ تەرەققىي قىلدى.

ھازىر بۆلۈمىمىزدە ئىشلەۋاتقان خىزمەتچى خادىم 53 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىمى 2 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىمى 2نەپەر بار، قالغان 49 نەپەر خىزمەتچى خادىم ھەممىسى كىلىنكىلىق داۋالاشلاردا مۇكەممەل بولغان بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە ۋە داۋاملىق بىلىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېستىمىلىق ئۇيغۇر تىبابەت ۋە جوڭيى تىبابەت ئۇنىۋىرستىتلىرىنى پۈتتۈرگەن، ھەمدە ئۇۋلاپ داۋالاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، فىزىكىلىق داۋالاشلار بۇيىچە بىلىم ئاشۇرۇش قىلغان، بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، كەسىپچانلىقى يۇقۇرى، مول بولغان كىلىنكىلىق تەجىربىگە ئىگە. ھازىر بۆلۈمىمىزدە دوختۇر كىسەل كۆرۈش ئىشخانىسىدىن بىرسى، ئۇۋلاپ داۋالاش ئىشخانىسىدىن بەشى، يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئىشخانىسىدىن تۆتى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ئىشخانىسىدىن ئىككىسى، سۈت بېزى داۋالاش ئىشخانىسىدىن بىرسى، يۇقىرى بېسىملىق ئوكسىگىن ئىشخانىسىدىن بىرسى، ئوتتۇرا دولقۇندا داۋالاش ئىشخانىسىدىن بىرسى، مىكرو دولقۇندا داۋالاش ئىشخانىسىدىن ئىككىسى، شام قۇيۇپ داۋالاش ئىشخانىسىدىن ئىككىسى بار. بۆلۈمىمىزدە يەنە مۇكەممەل ۋە ئىلغار بولغان فىزىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ھەرخىل ئوتتۇرا، تۆۋەن دولقۇنلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە نۇر ئارقىلىق ئۈسكۈنىلىرىمۇ بار. خىزمەتچى خادىملىرىمىز ئىلغار بولغان داۋالاش مۇھىتى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مول بولغان كىلىنكىلىق تەجىربىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىمارلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۆلۈمىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات داۋامىدا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىنى ئاساس قىلىپ، ئەنئەنىۋى داۋالاش تۈرلىرىدىن ئۇۋلاپ داۋالاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، شاخەك قويۇپ داۋالاش، سىيرىپ داۋالاش، قان ئېلىپ داۋالاش، پاشۆيا قىلىپ داۋالاش، سۈت بېزىنى داۋالاش، يۇقۇرى بېسىملىق ئوكسىگىندا داۋالاش قاتارلىق داۋالاشلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يەنە بىر تۈركۈم ئىلغار بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق جوڭيى دورىسى بىلەن ئىسلاپ داۋالاش ئۈسكۈنىسى، كۆپ ئىقتىدارلىق بەل-بويۇن ئومۇرتقىسىنى سوزۇپ داۋالاش كارۋىتى، مىكرو دولقۇن داۋالاش ئۈسكۈنىسى، قىزىل نۇر بىلەن داۋالاش ئۈسكۈنىسى، سۈت بېزىنى داۋالاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق فىزىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى داۋالاشقا كىرىشتۈرۈلدى، داۋالاشنىڭ تۈرلىرى كەڭ، ئۈنۈمى يۇقۇرى.

بۆلۈمىمىزدىكى ئالاھىدە داۋالاش تۈرلىرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى:

1.ئۇۋلاپ داۋالاش: ئۇۋلاپ داۋالاش بەدەندىكى سەزگۈ نىرۋىلارنى غىدىقلاپ قوزغۇتۇپ، خىلىتنى تەڭشەپ مىزاجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئىممۇنت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش روللىرىغا ئىگە، ئۇۋلاپ داۋالاش بولسا تەننەرخى تۆۋەن، ئەكس تەسىرى يوق، ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، كېسەللىك ئالامىتىنى يوقىتىش، كېسەللىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىش قاتارلىق كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە داۋالاش ئۇسۇلى.

ئۇۋلاپ داۋالاشقا ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەر: ھەرخىل ئاغرىقلار (نۇقرەس، مۇفاسىل، باش ئاغرىقى، شەقىقە، بۇيۇن ئومۇرتقا كىسەللىكى، مۈرە ئەتراپ ياللۇغى، قوۋۇرغا ئارلىق نىرىپ ئاغرىقى، بەل مۇسكۇلى زەخمىسى، ئومۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پولتۇيۇپ چىقىش، چېكىنىش خارەكتىرلىك تىز بۇغۇم ياللۇغى، تاپان ئاغرىش، ھەرخىل قايرىلىپ كېتىشلەر، جاھىل خارەكتىرلىك ئاغرىقلار)، نىرۋا روھىي كېسەللىكلەر(يۇز نىرىپ سەزمەسلىك كېسىلى، شامالداراش ۋە مېڭىگە قان چۈشۈشتىن كېيىنكى ئاسارەتلەر، ئىستىرخا، رەئىشە، ئۇيقۇسىزلىق، خاپىخان، ھېيز تۇتۇلۇش دەۋرىدىكى يىغىندى ئالامەتلەر)، ئىچكى كېسەللىكلەر:(باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، يۇقۇرى قان بېسىم، ئاشقازان ئاغرىقى، ئاشقازان تۆۋەنلەش، سوزۇلما خارەكتىرلىك ئۆت خالتا ياللۇغى، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت قاتارلىقلار)، ئاياللار كېسەللىكلىرى:(ھېيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھېيز قالايمىقانلىشىش، بالياتقۇدىن خۇن كېلىش قاتارلىقلار)، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى:(بوغما، سوزۇلما يۇتقۇنچاق ياللۇغى، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېرىق داغ چۈشۈش قاتارلىقلار)، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىن:(چوڭلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، ئىستىتىك ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىقلار).

2.يىڭنە سانجىپ داۋالاش، شاخەك قويۇپ داۋالاش، سىيرىپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى: يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىتىنى تەڭشەپ، ئۆتكۈنچى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەش قاتارلىق روللىرىدىن پايدىلىنىپ داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ. كىلىنكىدا يىڭنە سانجىپ داۋالاشنىڭ ئىچكى، تاشقى، ئاياللار، بالىلار كېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بولۇپمۇ ھېيز قالايمىقانلىشىش، ھېيز تۇتۇلۇش، ھېيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەرخىل پالەچلەر ۋە بەل-بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا ئۈنىمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

شاخەك قويۇپ داۋالاش ۋە سىيرىپ داۋالاشنىڭ بولسا تەبىئەتنى تەڭشەپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش روللىرى بار، بەل بويۇن مۇسكۇللىرى زەخمىلىنىش، بەل ئومۇرتقا ئارلىق تەخىسىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى، يىڭنە سانجىش بىلەن نەشتەر ئارقىلىق قان ئېلىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا مېڭە تىقىلمىسى، مىڭىگە قان چۈشۈشتىن بولغان بىھوشلۇق، سۆزلىيەلمەسلىك، يارتا پالەچلەرگە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

3.سوزۇش، قىزىل نۇر، مىكرو دولقۇن ۋە شام قويۇپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى بەل-بويۇن ئومۇرتقا ئارلىق تەخسىىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىق ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ ۋە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

4.ئوتتۇرا دولقۇندا داۋالاش، مىكرو دولقۇندا داۋالاش، پاشۆيا قىلىپ داۋالاش، شام قۇيۇپ داۋالاش: ئوتتۇرا دولقۇندا داۋالاشنىڭ ئاساسلىقى ئاغرىق پەسەيتىش، دائىرىلىك قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇش، تارتۇقلارنى يۇمشىتىش، چاپلىشىشنى بوشىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار، مىكرو دولقۇندا داۋالاشنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش روللىرى بار، پاشۆيا قىلىپ داۋالاشنىڭ سوغۇق يەلنى ھەيدەش، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق روللىرى بار، شام قويۇپ داۋالاشنىڭ سوغۇق يەلنى ھەيدەش، سىپازمىلانغان، تارتىشىۋالغان مۇسكۇللارنى بوشىتىش قاتارلىق روللىرى بار. ئاساسلىقى ھەرخىل ئاغرىقلار، ئاياللار بۆلۈملۈك ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە ماس كېلىدۇ.

5.سۈت بېزىنى داۋالاش ئۈسكۈنىسىدە داۋالاش: ئاساسلىقى سۈت بېزى يوغىناش، سۈت بېزى يالۇغلىنىش، سۈت بېزى خالتىلىق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

6.يۇقۇرى بېسىملىق ئوكسىگىندا داۋالاش: يۇقۇرى بېسملىق ئوكسىگىن ئاساسلىقى مېڭىگە ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك، زەھەرلىك گازلاردىن زەھەرلىنىش، مېڭە قان نوكچىسى، مېڭىگە قان چۈشۈش، بېسىم تۆۋەنلەش كېسەللىكى، ئېگىزلىك رىئاكسىيىسى، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ، يۇقۇرى بېسىملىق ئوكسىگىننىڭ يەنە مىكروپقا قارشى تۇرۇش، كېسەلگە قارشى تۇرۇش تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىمۇ بار. ئادەتتىكى ئوكسىگىن پۇراش بىلەن سېلىشتۇرغاندا يۇقۇرى بېسىملىق ئوكسىگىننىڭ بېسىمى يۇقۇرى، سۈمۈرلىشى تېز، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى، كۆزلىگەن مەقسەتكە تېز يەتكىلى بولىدۇ.

 

 

 

ئالاھىدە داۋالاش بۆلۈمىمىزنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى:

  1. ئەرشىدىن ھېبىبۇللا : ئالاھىدە داۋالاش بۆلۈمى بۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ.

مەدەنىيەت سەۋىيىسى: ئاسپىرانت. 2001-يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرستىتى جوڭيى تىبابەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن، جوڭگو جوڭيى تىبابىتى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاسپىرانتى. 2014-2015-يىلى يىللىق باھالاشتا ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان، 2005-يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر شاڭخەي، خاڭجۇ ۋە ئاپتۇنۇم رايون ئىچىدىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر تىبابەت ۋە جوڭيى دوختۇرخانىلىرىدا بىلىم ئاشۇرغان. داۋالاش ئالاھىدىلىكى: ھەر خىل داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللىكلەرگە دىئاگنۇز قويۇش، ئۇۋلاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش قاتارلىقلار. بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى، سۆڭەك ئۆسۈش، بەل ئومۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، مۈرە ئەتراپ ياللۇغى، ساختا رېماتىزىم، شامالداراش، قېتىۋېلىش خارەكتېرلىك ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغى، يۇمشاق توقۇلمىلار زەخمىلىنىش، نىرىپ ئاغرىقى، يارتا پالەچ، مېڭە زەخمىلىنىش، سىرتقى زەخمىىدىن بولغان قول-پۇت ھەرىكەت ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاشقا ماھىر.

  1. گۈلباھار ئۆمەر: ئالاھىدە داۋالاش بۆلۈم يۇقۇرى بېسىملىق ئوكسىگىن داۋالاش ئىشخانىسى دوختۇرى. 1998-يىلى شىنجاڭ تىببڭي ئۇنىۋېرستىتى داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، 1999-يىلى 2-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەدەنىيەت سەۋىيىسى: تۇلۇق كۇرس، 2015-يىلى غەرپ تىبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر(يۈرەك قان تومۇر ۋە نەپەس يولى كېسەللىكى ) بويىچە مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچلىق ئۇنۋانىنى ئالغان، 2013-يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك چاۋياڭ دوختۇرخانىسىدا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان، B تىپلىق ئولتۇرا دولقۇن ئۈسكۈنىسىدە يۈرەك تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش بويىچە تەربىيىلەنگەن. داۋالاش ئالاھىدىلىكى: ھەرخىل يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاش.
  2. ساھىپجامالخان ئەخمەت: ئالاھىدە داۋالاش بۆلۈمى فىزىكىلىق داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى. 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىي تېخنىكومى داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، 1992-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، مەدەنىيەت سەۋىيىسى: مەخسۇس كۇرس، 2009-يىلى ئۇيغۇر تىبابىتى ئىچكى كېسەللىكلىرى بويىچە مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانىنى ئالغان. ھازىر ئالاھىدە داۋالاش بۆلۈمىنىڭ سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ. داۋالاش ئالاھىدىلىكى: ھەرخىل سۈت بېزى كېسەللىكلىرى(سۈت بېزى ياللۇغى، سۈت بېزى يوغىناش، سۈت بېزى تالالىق ئۆسمىسى، سۈت بېزى خالتىلىق ئىششىقى قاتارلىقلار).
  3. ئابلىمىت ئابدۇۋايىت: ئالاھىدە داۋالاش بۆلۈمى ئۇۋلاپ داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى. 2005-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومى داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، 2006-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، 2010-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرستىتى ئۇيغۇر تىبابىتى داۋالاش كەسپىدە تۇلۇق كۇرس ئوقۇغان. مەدەنىيەت سەۋىيىسى: تولۇق كۇرس. 2012-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق جوڭيى دوختۇرخانىسىدا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بويىچە تەربىيىلەنگەن، 2008-يىلى ۋە 2015-يىلى يىللىق باھالاشتا مۇنەۋەر خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. داۋالاش ئالاھىدىلىكى: بۇيۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى، مۈرە ئەتراپ ياللۇغى، بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش ۋە ھەرخىل بوغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىنى ئۇۋلاپ داۋالاش.
  4. پاتىگۈل ھاشىم: ئالاھىدە داۋالاش بۆلۈمى يىڭنە سانجىپ داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى. 1999-يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرستىتى جپڭيىچە داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 2001-2007-يىلىغىچە شىنجاڭ كاڭيىن سىيرىپ داۋالاش، تاپان ئۇۋلاش تەربىيىلەش مەركىزىدە ئىشلىگەن. 2008-يىلىدىن ھازىرغىچە دوختۇرخانىمىزنىڭ ئالاھىدە داۋالاش بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ. مەدەنىيەت سەۋىيىسى: تولۇق كۇرۇس. 2016-يىلى جوڭيى تىبابىتى ئىچكى كېسەللىكلىرى بويىچە مەسئۇل ۋىراچلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. داۋالاش ئالاھىدىلىكى: يارتا پالەچ، يۈز نېرىپ پارالىچى، سەكتە كېسەللىك ئاسارىتى، ھەرخىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى (ھېيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھېيز توختاپ قېلىش، ھېيز قالايمىقانلىشىش ۋە تۇغماسلىق) يىڭنە سانجىپ، سىيرىپ داۋالاش.
مۇتەخەسىسلەر
ئۈستىگە قايتىش