مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

  بوغۇم كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

ئورنى :3- بىنا 6- قەۋەت

ئاساسىي ئەھۋالى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش تارىخى

تەرجىمالى:ئابلىتىپ ئىمىن ، ئەر، ئۇيغۇر، 39ياش، تۇلۇق كۇرۇس ، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ، 1998-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئۇنۋىرسىتىتىدا ئۇقۇش پۈتتۈرگەن، 2007-09ئاي دىن 2010-يىلى  3-ئايىغىچە شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتى ئۇيغۇر تىبابىتى كەسپى تۇلۇق كۇرۇس چوڭلار مۇئارىپى بۇيىچە داۋاملىق تەربىيە ئالغان، 2010-07ئايدىن 2012-03ئاي غىچە جۇڭگۇ جۇڭگۇ تىبابىتى تەتىققان ئورنىدا «ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيىچە ئاسپىرانىتلار سىنىپىدا» داۋاملىق يەربىيە ئالغان. ھازىر دۇنيا جۇڭگۇ تىبابەت ئىلمي بىرلەشمىسى ئۇيغۇر تىبابەت كەسپى كومىتىتى دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمى جەمئىيەت ئەزاسى ، خۇتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇرتىبابەت دۇختۇرخانىسى « ئون ئىككىنجى بەش يىللىق نۇقتىلىق بۈۈم قۇرلۇش تۈرى»<ئۇيغۇر تىبابەت سۈڭەك كىسەللىكلەر نۇقتىلىق مەخسۇس بۈلۈم> تۈرىنىڭ مەسئۇلى.  بەشىنجى تۈركۈملۈك دۆلەت داڭلىق پىشقەدەم تىۋىپلار تەجىربىسىگە ۋارىسلىق قىلىش خىزمەت تۈرى مەمىتىمىن ئېلى نىڭ ۋارىسى(ھازىر شاگىرتلىقتىن چىقىپ بولغان) . داڭلىق پىشقەدەم تىۋىپ مەمىتىمىن ئېلى نىڭ تەجىربىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ يەنە ئۈچىنجىى ئەۋلات تىخنكۇمى ئالىي چىلىكتىبابەت شىنجاڭ ئۇيغۇر دەرىسلىك كىتاۋى «ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك سۈڭەك كسەللىكلەر ئىلمى» نىڭ تۈزۈپ رەتلەش خىزمىتىگە قاتناشقان.

 شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالىي تىخنكۇمى  ئىلمى ژورنىلىنىڭ -2009يىللىق -9سانىدا «120نەپەر سۈڭەك ئۈسۈش خارەكتىرلىك بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاش خۇلاسىسى»، جۇڭگۇ ساقلىقنى ساقلاش-ئۇزۇقشۇناسلىق ژورنىلى  -2013يىللىق -9سانىدائايلىق سانىدا «ئۇيغۇر تىبابىتىدا ئىچى-سىرتىدىن دورا ئىشلىتىپ بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرىشىش كىسىلىدىن 186نەپەرنى داۋالاشتىن دوكىلات»، ئاۋام ساقلىقى ژورنىلى 2012-07ئايلىق سانىدا «ئۇيغۇرتىبابىتىدە سۈڭەك ئۈسۈش خاراكتىرلىك كىسەللەرنى ئۇيغۇرتىبابىتىدە كىنىنلىكىلىق تىپقا ئايرىش ۋە داۋالاش ئۈنىمىنى باھالاش»، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالىي تىخنكۇمى  ئىلمى ژورنىلىنىڭ 2013-07ئايلىق سانىدا «قىروتى مېيى بىلەن شەكىل ئۆزگۈرۈش خارەكتىرلىك رىماتوئىتلىك بۇغۇم ياللۇغىنى داۋالاش توغىرسىدىكى كىلىنكىلىق دوكىلات»«ئۇيغۇر تىبابىتىدە يانپاش بۇغۇم ياللۇغىنى داۋالاش توغرىسىدىكى تەجىربە يەكۈنى» قاتارلىق ئىلمي ماقالىلارنى ئىلان قىلغان.

 -2014يىلى-6ئايدا دۆلەتلىك ئۈزلىكسىز مۇئارىپ تەربىيەلەش تۈرى ۋە ئۇيغۇر تىبابەت نۇقتىىلىق مەخسۇس بۈلۈم- مەخسۇس كىسەل قۇلۇرش تۈرى ئىلمي مۇھاكىمە يېغىنىدا« ئۇيغۇر تىبابىتىدە نۇقرەس كىسەللىكىنى داۋالاش ئۈنىمىنى باھالاش توغىرسىدا» تىمىدا دوكىلات بەرگەن. 2014-يىلى -9ئايدا دۇنيا جۇڭگۇ تىبابەت دورىگەرلىكى ئىلمى بىرلەشمىسى ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك كەسپى كومىتىتى ، ئىككىنجى قارارلىق غەيرى ماددي مەدىنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە يېغىنىدا « 112نەپەر رىماتوئىتلىق بۇغۇم ياللۇغىنى داۋالاش خۇلاسىسى» تېمىسىدا دوكىلات بەرگەن.

كىسەل داۋالاش ئالاھىدىلىكى: قايتا قوزغىلىش نىسپىتى يۇقىرى ، ئەگەشمە كىسەللىكى ئىغر بولغان ئومرۇتقا ئارلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش ، سوڭەك ئوسوش ، كىچىك باللاردىكى ئات تۇيىقىسىمان غەيرىلىكى  ، مۇرە بۇغۇم ياللۇغى ، يانپاش بۇغۇم ياللۇغى ،ئۇلتۇرغۇچ نىرىۋا ياللۇغى  ،تىز بۇغۇم ئاغرىقى ،  مۇفاسىل ، نۇقرەس كىسەللىكىنى ساپ ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئىچى - سىرتىدىن ئىشلىتىش بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئوزگىچە داۋالاش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۇرۇپ كىسەل داۋالاشتا 20 يىلغا يىقى داۋالاش تەجىربىسىگە .

 

سوڭەك  بوغۇم كىسەللىكلەر  بۆلۇمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

سوڭەك بوغۇم كىسەللىك بولۇمى1975- يىلى قۇرۇلغان تاشقى كىسەللىكلەر بۇلۇم ئاساسىدا-2009 يىلى  مەخسۇس سۇڭەك بۇغۇم كىسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان نۇقتىلىق بۇلۇم بۇلۇپ قۇرۇلغان  بولوپ ،بولومىمىزدە 14 نەپەر كەسپى خادىم بار ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقۇر دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكىلەر  1 نەپەر ، ئوتتىرا دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكىلەر 2 نەپەر ، توۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكىلەر 10 نەپەر .

سۇڭەك بۇغۇم كىسەللىكلەر بۇلۇمىمىز 2013-يىلى 10-ئايدا دۇلەتلىك جۇڭيى دۇرگەرلىك باش ئىدارىسى تەرىپىدىن -12>>بەش يىللىق پىلاندىكى دۇلەت دەرىجىلىك سۇڭەك زەخمە كىسەللىكلەر مەخسۇس بۇلۇم قۇرلۇش<< تۇرىگە كىرگۇزۇلگەن .

بولومىمىزدە ئاساسلىق سوڭەك بوغوم كىسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىلىپ بارىمىز ، بۇنىڭ ئىچىدە باشقا تىبابەتلەردە داۋالاش ئۇنۇمى توۋەن ، قايتا قوزغىلىش نىسپىتى يۇقىرى ، ئەگەشمە كىسەللىكى ئىغر بولغان ئومرۇتقا ئارلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش ، سوڭەك ئوسوش ، كىچىك باللاردىكى ئات تۇيىقىسىمان غەيرىلىكى  ، مۇرە بۇغۇم ياللۇغى ، يانپاش بۇغۇم ياللۇغى ،ئۇلتۇرغۇچ نىرىۋا ياللۇغى  ،تىز بۇغۇم ئاغرىقى ،  مۇفاسىل ، نۇقرەس كىسەللىكىنى ساپ ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئىچى - سىرتىدىن ئىشلىتىش بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئوزگىچە داۋالاش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۇرۇپ مەخسۇس داۋالاش ئىلىپ بارىدىغان ئوقوتوش ، تەتقىقات ، داۋالاش بىرگەۋدە قىلىنغان دۇلەت دەرىجىلىك سۇڭەك زەخمە كىسەللىكلەر مەخسۇس بولومى .

 

  دىئاگىنۇز قويوشتا مىزاج ۋە خىلىت نەزىريەسىنى ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ خىزمەت ، يىمەك - ئىچمەك ، تۇرمۇش ئادىتى، تومۇر  رايى ، تىل رايى ، كوز رايى ، كىچىك تەرەت رايى ، يەرلىك ئورون ئالامىتى ۋە پۇتۇن بەدەن ئالامىتى بىلەن ، زامانىۋى تەكشۇرۇش ئۇسكۇنلىرىدىن تولوق پايدىلىنىپ دىئاگىنۇزنىڭ توغورلوق نىسپىتىنى تىخىمۇ يۇقۇرى كوتورولدى.

داۋالاشتا كىسەللىك ماددىسىغا قارتا مۇنزىچ مۇسھىل بىرىش ، مەخسۇس داۋالىغۇچى دورىلارنى  بىرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىبابتىنىڭ ئوزگىچە داۋالاشلىردىن  كىلىزما (ھوقنە) ،دورىدا ئۇۋلاش( تەمرىخ) ، دورىلىق لوڭگە قويۇش (سەكۇك) ، دوراچاپلاپ داۋالاش ،زىمات تىڭىش ، مايلاش (تەدىھىن)، كۇن نورىغا قاقلاش، قۇرق ھورداققا سىلىش(ئىنكىباب) ، شاخاك قويوش ، تىرىگە ئىلىش ، قان قىلىش ، سوزوش ، ئۇۋلاش ، پاشۇيە قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللونوپ داۋالاش ئىلىپ بارىمىز

مۇتەخەسىسلەر
  • ئابلىتىپ ئىمىن
    ئابلىتىپ ئىمىن

    بۆلۈم مۇدىرى

ئۈستىگە قايتىش