مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903
نۆۋەتتىكى ئورۇن :باش بەت > مۇتەخەسىسلەر
سايىپخان
  • نامى : سايىپخان
  • مەمۇرىي ۋەزىپىسى : بۆلۈم مۇدىرى
  • جىنسى : ئەر
  • كەسپى ئۇنۋانى : دۆلەتلىك ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى
  • كەسپى : ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى
  • بۆلۈم :   ئاياللار كېسەلىكلىرى 2-بۆلۈمى

مۇتەخەسسىس ئالاھىدىلىكى

ھەرخىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ماھىر

قىسقىچە تەرجىمىھالى

 ساھىپخان تۇردى مۇھەممەتنىڭ تەرجىمىھالى:ساھىپخان تۇردىمۇھەممەت –ئۇيغۇر ،ئايال،مۇدىر ۋاراچ دوختۇر،ئامما،ئۇ 1957-يىل 2-ئايدا خوتەن ناھىيە باغچا بازىرى ئەلنامە كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپلەرنى باغچا بازىرىدا ئوقۇپ 1974-يىلى 8-ئايدا خوتەن ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىغا خىزمەتكە چىققان ھەم دادىسى تۇردىمۇھەممەت ھەكىمنى ئۇستاز تۇتۇپ تىبابەت ئىلمى نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيىتى جەھەتلەردىن تەربىيەلەنگەن .1976-يىلدىن1978-يىلغىچە خوتەن ۋېلايەتلىك تىببى مەكتەپتە داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان .1987-يىل 10ئايدىن1988-يىل 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالى تېخنىكومى داۋالاش كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان .1996-يىل 4-ئايدىن 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرغان.ئۇ 1974-يىلدىن1985-يىلغىچە خوتەن ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى تاشقى كېسەللىك بۆلۈمىدە تاشقى كېسەل دوختۇرى،1985-يىلدىن1994-يىلغىچە ئاياللار بۆلۈمىدە مۇئاۋېن مۇدىر ۋاراچ ،1995-يىلدىن 2001-يىلغىچە مۇدىر ۋاراچ ئۇنۋانى بىلەن ئاياللار بۆلۈمىدە ئىشلىگەن 2001-يىلدىن ھازىرغىچەئاياللار بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە ۋە ياشلارنى يېتەكلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتە ئۈلگىلىك رول ئويناپ ،ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە

ئىجتىمائىي ۋەزىپىسى

ئۈستىگە قايتىش