مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903
نۆۋەتتىكى ئورۇن :باش بەت > مۇتەخەسىسلەر
ئابدۇللا مەمتىز
  • نامى : ئابدۇللا مەمتىز
  • مەمۇرىي ۋەزىپىسى : بۆلۈم مۇدىرى
  • جىنسى :
  • كەسپى ئۇنۋانى : مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ
  • كەسپى : جىگەر - ئۆت بۆلۈم مۇدىرى
  • بۆلۈم : تال-ئاشقازان كېسەلىكلىرى بۆلۈمى

مۇتەخەسسىس ئالاھىدىلىكى

جىگەر - ئۆت كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى، ھەرخىل ئىچكى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ماھىر

قىسقىچە تەرجىمىھالى

 ئابدۇللا مەمىتىز، ئەر، ئۇيغۇر، 1965-يىلى 11-ئايدا لوپ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. مەخسۇس كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە، ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى، پارتىيە ئەزاسى، ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى جىگەر-ئۆت كېسەللىكلەر بۆلۈم مۇدىرى.

 1982–يىلى 9–ئايدىن 1985–يىلى7–ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك تىببىي مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئۇيغۇر تېبابەت داۋالاش كەسپىنى، 2000–يىلى 3–ئايدىن 2001–يىلى 3–ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنىڭ مەخسۇس كۇرۇس داۋالاش كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ھەمدە ئۇدا «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالانغان.

1985–يىلى 7–ئايدىن 1988–يىلى 10–ئايغىچە خوتەن ناھىيە باغچى بازارلىق شىپاخانىسى ئۇيغۇر تېبابەت بۆلۈمىدە تىۋىپ بولۇپ ئىشلىگەن .

 1988–يىلى 10–ئايدىن 1993–يىلى 12–ئايغىچە لوپ ناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا تىۋىپ بولۇپ ئىشلىگەن.

1993–يىلى 12–ئايدىن 1995–يىلى 12–ئايغىچە لوپ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە تۆۋەنگە بېرىپ ۋەزىپە بىلەن چېنىققان (بۇ مەزگىلدە 1993–يىلى 12–ئايدىن 1995–يىلى 2–ئايغىچە لوپ ناھىيە دول يېزا قاغا ئېرىق كەنتە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سىكرىتارى، 1995–يىلى2–ئايدىن 1995–يىلى 12–ئايغىچە دول يېزىلىق شىپاخانىسىنىڭ مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى بولغان)

1995–يىلى 12–ئايدىن 2007–يىلى 9–ئايغىچە لوپ ناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن.

2007-يىلى 10-ئايدىن 2007-يىلى 12-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى كەسپى بۆلۈمدە ئىشلىگەن.

 2008-يىلى 1-ئايدىن 2010-يىلى 12-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ كەسپىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈتىگەن.

2011-يىلى 1-ئايدىن 2016-يىلى 4-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتۇرىيە بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولغان.

 2016-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى جىگەر-ئۆت كېسەللىكلەر بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

30 نەچچە يىللىق داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پشقەدەملەرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۈگىنىش بىلەن، نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بەلگىلىك داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە بۇلغان.

كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەردىن يۇقارقى نەپەس يولى ياللۇغى، سوزۇلما شاخچە كاناي ياللۇغى، زىققا كېسىلى، يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىگى، مېڭە قانتومۇر توسۇلۇش، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان تۆۋەنلەش، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاش، بۇيۇن-بەل ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش، بۇيۇن-بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتۇيۇپ چىقىش، مۇفاسىل، نۇقرەس، دىئابىت كېسىلى، ھەرخىل ئەرلەر جىنسى كېسەللىكلىرى ۋە تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان.

1986-يىلى خوتەن ۋىلايىتىدە غەيرى A، غەيرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىگى تارقالغاندا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئارقىلىق بۇ كېسەللىكنى داۋالاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرگەن.

بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئۆزلىكسىز ئىزدىنىپ «ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش توغرىسىدا»،« ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنى ئۆزلىكسىز تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر تېبابەت كىلىنكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىگى توغرىسىدا»، «تەڭگە تەمرەتكە كېسەللىگىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا»، «غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ يۇقۇرى مايلىق قان كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىخانىزىمى توغرىسىدا»، «غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن كىلىپ چىققان 32 نەپەر ئاشقازان تۆۋەنلەش كېسەللىكىنى داۋالاشتىن دوكلات»، « 25 نەپەر قاتما خارەكتىرلىك ئومۇرتقا ياللۇغىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاشتىن دوكلات»، «52 نەپەر بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىگىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاشتىن دوكلات»، « 36 نەپەر يۇقۇرى مايلىق قان كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاشتىن دوكلات»، «22 نەپەر ئەرقۇننىسا كېسەللىگىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاشتىن دوكلات» قاتارلىق 10 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ « شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالى تېخنىكومى ئىلمىي ژورنىلى»، «جۇڭگو مىللىي تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ژورنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.

«ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ئىلمىي ماقالىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى 2000-يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، « ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ئىلمىي ماقالىسى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى 2006-يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.

«تەمسىز بەلغەم خېلىتىدىن بولغان ئاق كېسەلگە قارىتا مۇنزىچ- مۇسھىللارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى مەملىكەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك شۆبە جەمئىيىتىنى قۇرۇش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنى ماقالىلار توپلىمىدا،«سوغۇقتىن بولغان زۇكامنى تەڭشىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش توغرىسىدا ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسى خەلقئارا جۇڭگو تېبابەت دورىگەرلىكى ئىلمىي جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى كەسپىي كومىتېتىنىڭ 2014-يىللىق يىغىنى ماقالىلار توپلىمىدا ئېلان قىلىنغان.

30 نەچچە يىللىق داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىزچىل ھالدا تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، 3 تۈرلۈك تەتقىقات خىزمىتىگە قاتناشقان.

1. دۆلەتنىڭ 11-بەش يىللىق پەن تېخنىكىنى تېرەك قىلىش پىلان تېمىسى-مىللىي تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئۈلگە كۆرسىتىش تەتقىقاتى: « ئاقكېسەل ۋە بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ كىلىنكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە باھا بىرىش تەتقىقاتى» ۋە « تەنگە تەمرەتكە قاتارلىق ئەۋزەللىككە ئىگە 5 خىل كېسەللىككە دئىاگنۇز قويۇش-داۋالاش تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەتقىقاتى» (2007-يىلدىن 2010-يىلغىچە) نى يولغا قۇيۇش خىزمىتىدە دوختۇرخانىمىزنىڭ ئىلمىي كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ،بۇ تەتقىقاتنىڭ قانات يايدۇرۇش خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈش، نازارەتچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.

2. دۆلەتنىڭ 11-بەشيىللىق پەن تېخنىكىنى تېرەك قىلىش پىلان تېمىسى-مىللىي تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئۈلگە كۆرسىتىش تەتقىقاتى: « پىشقەدەم تىۋىپلارنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىغا قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىق ۋارىسلىق قىلىش تەتقىقاتى» تۈرى : « پىشقەدەم تىۋىپ ئابدۇللا ماخمۇدنىڭ ئەرلەر كېسەللىكىنى داۋالاش تېخنىكىسىغا ۋارىسلىق قىلىش تەتقىقاتى» (2008-يىلدىن 2010-يىلغىچە) غا قاتنىشىپ، تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ تەتقىقات خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان ھەمدە «ئۇيغۇر تېبابەت مۇتەخەسىسى ھاجى ئابدۇللا ماخمۇدنىڭ ئەرلەر جىنسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تېخنىكىسى» ناملىق كىتاپنى تۈزۈشكە قاتناشقان ھەم مۇئاۋىن باش تۈزگۈچى بولغان. بۇ كىتاپ 2013-يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

3. دۆلەتنىڭ «12-بەش يىللىق» پەن تېخنىكىنى تېرەك قىلىش پىلان تېمىسى- مىللىي تىبابەتچىلىك ئالاھىدە داۋالاش داۋالاش ئۈنۈمىگە باھا بىرىش تەتقىقاتى تەتقىقاتى: «سوزۇلما خارەكتىرلىق مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىق ئەۋزەللىككە ئىگە كېسەللىكلەرنىڭ كىلىنكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە باھا بىرىش تەتقىقاتى»-«ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۇقارقى نەپەس يولى ياللۇغى (زۇكام) نى داۋالاشنىڭ كىلىنكىلىق ئۈنۈمىگە باھا بىرىش تەتقىقاتى» (2012-يىلدىن 2014-يىلغىچە) خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە بۇ تارماق تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، تەتقىقات خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان.

ئىجتىمائىي ۋەزىپىسى

دوختۇرخانا پارتىيە ياچېيكىسى 2- تارماق ياچيكا باشلىقى

ئۈستىگە قايتىش