مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903
نۆۋەتتىكى ئورۇن :باش بەت > مۇتەخەسىسلەر
ئابلىتىپ ئىمىن
  • نامى : ئابلىتىپ ئىمىن
  • مەمۇرىي ۋەزىپىسى : بۆلۈم مۇدىرى
  • جىنسى :
  • كەسپى ئۇنۋانى : مۇدىر ۋىراچ
  • كەسپى : سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى
  • بۆلۈم :   بوغۇم كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

مۇتەخەسسىس ئالاھىدىلىكى

ھەرخىل بوغۇم كېسەللىكلىرىنى ۋە بۇيۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى، مۈرە ئەتراپ ياللۇغى، بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش ۋە ھەرخىل بوغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىنى ئۇۋلاپ داۋالاش.

قىسقىچە تەرجىمىھالى

تەرجىمالى:ئابلىتىپ ئىمىن ، ئەر، ئۇيغۇر، 39ياش، تۇلۇق كۇرۇس ، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ، 1998-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئۇنۋىرسىتىتىدا ئۇقۇش پۈتتۈرگەن، 2007-09ئاي دىن 2010-يىلى  3-ئايىغىچە شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتى ئۇيغۇر تىبابىتى كەسپى تۇلۇق كۇرۇس چوڭلار مۇئارىپى بۇيىچە داۋاملىق تەربىيە ئالغان، 2010-07ئايدىن 2012-03ئاي غىچە جۇڭگۇ جۇڭگۇ تىبابىتى تەتىققان ئورنىدا «ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيىچە ئاسپىرانىتلار سىنىپىدا» داۋاملىق يەربىيە ئالغان. ھازىر دۇنيا جۇڭگۇ تىبابەت ئىلمي بىرلەشمىسى ئۇيغۇر تىبابەت كەسپى كومىتىتى دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمى جەمئىيەت ئەزاسى ، خۇتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇرتىبابەت دۇختۇرخانىسى « ئون ئىككىنجى بەش يىللىق نۇقتىلىق بۈۈم قۇرلۇش تۈرى»<ئۇيغۇر تىبابەت سۈڭەك كىسەللىكلەر نۇقتىلىق مەخسۇس بۈلۈم> تۈرىنىڭ مەسئۇلى.  بەشىنجى تۈركۈملۈك دۆلەت داڭلىق پىشقەدەم تىۋىپلار تەجىربىسىگە ۋارىسلىق قىلىش خىزمەت تۈرى مەمىتىمىن ئېلى نىڭ ۋارىسى(ھازىر شاگىرتلىقتىن چىقىپ بولغان) . داڭلىق پىشقەدەم تىۋىپ مەمىتىمىن ئېلى نىڭ تەجىربىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ يەنە ئۈچىنجىى ئەۋلات تىخنكۇمى ئالىي چىلىكتىبابەت شىنجاڭ ئۇيغۇر دەرىسلىك كىتاۋى «ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك سۈڭەك كسەللىكلەر ئىلمى» نىڭ تۈزۈپ رەتلەش خىزمىتىگە قاتناشقان.

 شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالىي تىخنكۇمى  ئىلمى ژورنىلىنىڭ -2009يىللىق -9سانىدا «120نەپەر سۈڭەك ئۈسۈش خارەكتىرلىك بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاش خۇلاسىسى»، جۇڭگۇ ساقلىقنى ساقلاش-ئۇزۇقشۇناسلىق ژورنىلى  -2013يىللىق -9سانىدائايلىق سانىدا «ئۇيغۇر تىبابىتىدا ئىچى-سىرتىدىن دورا ئىشلىتىپ بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرىشىش كىسىلىدىن 186نەپەرنى داۋالاشتىن دوكىلات»، ئاۋام ساقلىقى ژورنىلى 2012-07ئايلىق سانىدا «ئۇيغۇرتىبابىتىدە سۈڭەك ئۈسۈش خاراكتىرلىك كىسەللىكلىرنى ئۇيغۇرتىبابىتىدە كىنىنلىكىلىق تىپقا ئايرىش ۋە داۋالاش ئۈنىمىنى باھالاش»، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالىي تىخنكۇمى  ئىلمى ژورنىلىنىڭ 2013-07ئايلىق سانىدا «قىروتى مېيى بىلەن شەكىل ئۆزگۈرۈش خارەكتىرلىك رىماتوئىتلىك بۇغۇم ياللۇغىنى داۋالاش توغىرسىدىكى كىلىنكىلىق دوكىلات»«ئۇيغۇر تىبابىتىدە يانپاش بۇغۇم ياللۇغىنى داۋالاش توغرىسىدىكى تەجىربە يەكۈنى» قاتارلىق ئىلمي ماقالىلارنى ئىلان قىلغان.

 -2014يىلى-6ئايدا دۆلەتلىك ئۈزلىكسىز مائارىپ تەربىيەلەش تۈرى ۋە ئۇيغۇر تىبابەت نۇقتىىلىق مەخسۇس بۈلۈم- مەخسۇس كىسەل قۇلۇرش تۈرى ئىلمي مۇھاكىمە يېغىنىدا« ئۇيغۇر تىبابىتىدە نۇقرەس كىسەللىكىنى داۋالاش ئۈنىمىنى باھالاش توغىرسىدا» تىمىدا دوكىلات بەرگەن. 2014-يىلى -9ئايدا دۇنيا جۇڭگۇ تىبابەت دورىگەرلىكى ئىلمى بىرلەشمىسى ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك كەسپى كومىتىتى ، ئىككىنجى قارارلىق غەيرى ماددي مەدىنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە يېغىنىدا « 112نەپەر رىماتوئىتلىق بۇغۇم ياللۇغىنى داۋالاش خۇلاسىسى» تېمىسىدا دوكىلات بەرگەن.

ئىجتىمائىي ۋەزىپىسى

ازىر دۇنيا جۇڭگۇ تىبابەت ئىلمي بىرلەشمىسى ئۇيغۇر تىبابەت كەسپى كومىتىتى دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمى جەمئىيەت ئەزاسى ، خۇتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇرتىبابەت دۇختۇرخانىسى « ئون ئىككىنجى بەش يىللىق نۇقتىلىق بۈۈم قۇرلۇش تۈرى»<ئۇيغۇر تىبابەت سۈڭەك كىسەللىكلەر نۇقتىلىق مەخسۇس بۈلۈم> تۈرىنىڭ مەسئۇلى.  بەشىنجى تۈركۈملۈك دۆلەت داڭلىق پىشقەدەم تىۋىپلار تەجىربىسىگە ۋارىسلىق قىلىش خىزمەت تۈرى مەمىتىمىن ئېلى نىڭ ۋارىسى(ھازىر شاگىرتلىقتىن چىقىپ بولغان) . داڭلىق پىشقەدەم تىۋىپ مەمىتىمىن ئېلى نىڭ تەجىربىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى.

ئۈستىگە قايتىش