مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

دۆلەتلىك يىمەكلىك- دورا نازارەتچىلىك- باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئۆمىكى دوختۇرخانىمىزدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

يوللانغان ۋاقىت:2017/03/08 كۆرۈلىشى( 5755)

دۆلەتلىك يىمەكلىك- دورا نازارەتچىلىك- باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئۆمىكى دوختۇرخانىمىزدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەتلىك يىمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك- باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئۆمىكى، دورىلارنى ئەنگە ئېلىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى توڭ رېنشىڭ، ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاپتونۇم رايونلۇق جوڭيى- مىللىي تىبابەتچىلىك دورىگەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پەرھات كېرەم، ئاپتونۇم رايونلۇق يىمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋېيدوڭ، شىنجاڭ ئويغۇر تىبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكوم مەكتەپ مۇدىرى تۇرغۇن ئەمەر، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ئۆتكۈر ئالىم، ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەسقەر مەتروزى، ۋىلايەتلىك يىمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ماجوڭدوڭ قاتارلىقلار دوختۇرخانىمىزدا تەكشۈرۈشتە بولدى.

بۇقېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دوختۇرخانىمىزنىڭ جوڭيى-مىللى تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقىرلىش ئەھۋالى، تەرەققىياتى شۇنىڭ بىلەن بىرگە جوڭيى- مىللى تېبابەت يېڭى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىش خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالدى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى پارتكوم شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى روشەنگۇل ساۋۇر دوختۇرخانىمىزنىڭ ئويغۇر تېبابەت دورىلىرىنى تەتقىق قىلىش ،ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىدىن دوكىلات بەردى.

يولداش روشەنگۇل ساۋۇرنىڭ دوكىلاتىدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ تەرەققىياتى، ئويغۇر تېبابەت دورا ياسالمىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەريانى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان بولۇپ يولداش روشەنگۇل ساۋۇر ئويغۇر تېبابەت دورىلىرىنىتەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتى ھەققىدە ئويغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ خاسلىققا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرگە ئويغۇرتىبابەت دورىگەرلىكىنىڭ تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.

1. ياسالما شەكل ئالاھىدىلىكى: ئويغۇر تېبابەت دورىلىرى شەكىل جەھەتتە ئالاھىدە بولۇپ،مەلھەم شەكىلدىكى ياسالمىلار، ئەرەق، رەۋغەن قاتارلىق خاسلىققا ئىگە بولۇپ ھەممىسى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە؛

2. لايىقلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكى: ئويغۇر تىبابەت دورىلىرىنى لايىقلاشتۇرۇشتا ئاساسلىقى زەھەرسىزلەندۈرۈش، كۇشتە قىلىش، ئەرەق تارتىش، ئۇسارىسىنى ئېلىش، مېيىنى ئېلىش،سۈتكە چىلاش قاتارلىق ئون نەچچە خىل لايىقلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئىچىدە ئالاھىدە ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگە؛

3.داۋالاش ئالاھىدىلىكى: ئويغۇر تېبابەت دورىلىرى ئاساسلىقى داۋالاش قىيىن بولغان ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى. مەسىلەن يۈرەك قانتومۇر كېسەللىكى، جاھىل خاراكتىرلىك تېرە كېسەللىكلىرى، ئاياللار كېسەللىكلىرى، نەپەس سېستىما كېسەللىكلىرى، سۆڭەك- بوغۇم كېسەلىكىرى قاتارلىقلار؛

4.بىخەتەرلىك جەھەتتە: خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئويغۇر تېبابەت دورىلىرىنى كېلنىكىدا ئىشلىتىش جەريانىدا بۈگۈنگە قەدەر روشەن ھالدا ئەكىس تەسىرى كۆرۈلمىدى؛

5. باھا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى: ئوخشاش 2-دەرىجىلىك باشقا تىبابەت دوختۇرخانىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ ئوتتۇرچە داۋالىنىش خىراجىتى 2500يۈۋەن ئەتراپىدا؛ لىكىن تەڭ دەرىجىلىك باشقا دوختۇرخانلاردا داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ ئوتتۇرچە داۋالىنىش خىراجىتى 5000يۈۋەندىن ئېشىپ كېتىدۇ.

6.ئىشەنچىلىكلىك ئالاھىدىلىكى: خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا GMPئۆلچىمىدىن ئۆتكەن ئويغۇر تېبابەت دورا ئىشلەش زاۋۇتى بولۇپ، كۆپ خىل ئىشلەپچىقىرىش لىنيەسى سەپلەنگەن بولۇپ ئويغۇر تېبابەت دۆلەت تەستىق نومىرى ئالغان دورا ياساش ئۆلچىمىنىڭ ئاساسىنى سالدى؛

ئاخىردا يولداش روشەنگۇل ساۋۇر سۆزقىلىپ: ساقلانغان بىرقىسىم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر ھەل قىلىش يولى ئويغۇر تىبابەت دۆلەت تەستىق نومۇرى ئالغان دورىلارنى كېڭەيتىش، دوختۇرخانا ئىچىدىكى دورا ياسالمىلىرىنى دۆلەت تەستىق نومۇرى ئالغان دورا ياسالمىلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ كەڭ بىمارلارنىڭ خاتىرجەم دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

دوكىلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تېبابەت تارىخى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكىسكۇرىسسىيە قىلدى.

تەكشۈرۈش ئۆمىكى دوكىلات ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانىمىزنىڭ بالنىست رايۇنى، دوراتەمىنلەش بۆلۈم(دورا ياساش بۆلۈم)نى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەمدە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ ئىشلىتىش خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۈستىگە قايتىش