مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت:2017/03/08 كۆرۈلىشى( 5762)

            ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

دوختۇرخانىمىزنىڭ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى دوختۇرخانىمىزنىڭ ئەسلىدىكى سۆڭەك كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ تەدرىجى تەرەققى قىلىشى ئارقىسىدا 2008-يىلى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى بولۇپ قۇرۇلغان .   ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۇمىدە 30 نەپەر كەسپى خادىم بار بولۇپ ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكى خادىم 5 نەپەر ، ئوتتىرا دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكى خادىم 8 نەپەر ، توۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكى خادىم 11 نەپەر . بولۇپ  ساغلاملىق ئەسلىگە كەلتۇرۇش كەسپى خادىم 6 نەپەر ، يىڭنە سانچىش مەخسۇس خادىمى  5 نەپەر ، ئۇۋلاش مەخسۇس خادىمى 10 نەپەر ، فىزىكىلىق داۋالاش مەخسۇس خادىمى 9 نەپەر.

   ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمىمىزدە ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى داۋالاش جەرياندىكى ئەمىلىي تەجىربىلىرى بىلەن ھازىرقى زامان مىدىتسىنائىلمنىڭ ئىلغار داۋالاش ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۇرۇپ يىڭنە سانچىش بۆلۈمى ، يۇمشاق توقولما زەخمە بۆلۈمى ، ئۇۋلاش بۆلۈمى، فىزىكىلىق داۋلاش بۆلۈمى بىرگەۋدە قىلىنغان ئۇنۋىرسال ساغلاملىق ئەسلىگە كەلتۇرۇش بۆلۈمى ، بويۇن ،مورە، بەل ، پۇت ئاغرىقى مەخسۇس بۆلۈمى قاتارلىق مەخسۇس بۆلۈملەرگە ئايرىلغان . مەخسۇس ئۇسكۇنلەردىن  بويۇن، بەلنى سوزوش ئۇسكۇنىسى، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش، مىكرو دولقۇندا داۋالاش، توك يىڭنىسى بىلەن داۋالاش، ھوردۇتۇپ داۋالاش، پاشۇيە قىلىپ داۋالاش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، سېرىپ داۋالاش، لوڭقا قويوپ داۋالاش، ئەمەن پىلىكىدە داغلاپ داۋالاش، بىنەپشە نورىدا داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئويغۇر تېبابىتىنىڭ قول ئەمىليىتى بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىپ مېڭە قىلقان تومۇر توسۇلۇشتىنكىيىنكى ئاسارەت، مېڭە پارالىچى، يۈز نېرىپ پارالىچى، ھەركەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېسەللىكلىرى، ھەرخىل سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكلىرى يەنى بويۇن ، كۆكرەك ، بەل ئومۇرىتقا، مۆرە، يانپاش، تىز، ھوشوق، تاپان سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكلىرى. مۆرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغى ، يانپاش بوغۇم ياللۇغى، تىز بوغۇم ياللۇغى، قاتما خاراكتىرلىك ئومورىتقا ياللۇغى كېسەللىكلىرى، ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈپ كېتىش كېسەللىكلىرى يەنى بويۇن، كۆكرەك، بەل ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈپ كېتىش، ئومۇرىتقا كانىلى تارىيىش، ئومورىتقا تېبىركىلىيۇزى كېسەللىكلىرى. كىچىك باللاردىكى تۆۋەنكى مۆچە ئات تۇيىقىسىمان غەيرىلىك كىسەللىكى،  دەسلەپكى باسقۇچتىكى سان سۆڭەك بېشى چىرىش كىسەللىكى قاتارلىقلارنى داۋالاش ئېلىپ بارىمىز.

    ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئەمىلىي داۋالاش تەجىربىلىرىنى يەكۇنلەپ. 25 پارچىدىن كوپرەك كىلىنكا ئىلىمى ماقالە يېزىپ خەلىقئارا ، مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك تىببى ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرىدا ئالماشتۇرۇلدى ۋە ھەرقايسى سەھيە مەتبۇئات – ژورناللاردا ئىلان قىلىندى . بۆلۈمدىكى تىببى خادىملار بىرنەچچە يىللىق داۋلاش تەجىربىلىرىگە ئاساسەن «ساغلاملىق ئەسلىگە كەلتۇرۇش، فىز ىكىلىق داۋالاش توغرىسىدا» دېگەن كىتاپنى جىددى يىزىۋاتىدۇ.

 بىمارلارنىڭ رازى بولۇش نىسپىتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەتتا دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلرىىدىن كەلگەن ھەرمىللەت بىمارلىرنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ۋە قوللىشىغا ئىرىشتى.

   نۆۋەتتە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۇمىدىكى تىببى خادىملار ئۆزلىكسىز تۈردە كەسپى ئۆگۈنىشنى كۈچەيتىپ يىڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى كوپەيتىش ، تېخىمۇ قىلىپلاشتۇرۇش داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقۇر كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە .

ئۈستىگە قايتىش