مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

 دوختۇرخانىمىزدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017/05/01 كۆرۈلىشى( 5769)

                      دوختۇرخانىمىزدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى دوختۇرخانىمىزدا ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلدى يىغىنغا دوختۇرخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىك گۇرپىسىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. دوختۇرخانا پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى ۋاڭشىن ۋە دوختۇرخانا ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.دوختۇرخانا مۇئاۋىن باشلىقى، دوختۇرخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئەخمەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.ئالدى بىلەن دوختۇرخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، دوختۇرخانا مۇئاۋىن باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئەخمەت بۇقېتىمقى ئىشچىلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئېچىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىدى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى . كەينىدىن دوختۇرخانىمىزنىڭ 2011-يىللىق خىزمەت پىلانى ، دوختۇرخانا ئىش ئورنى يوقلىمىسنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى 1-نومۇرلۇق ھۆجىتى، ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ 2011-يىللىق نىشانلىق باشقۇرۇش سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرىنى ئوتۇرغا قويدى ۋە يولغا قويۇش لاھىيەسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ماقۇللاندى .

ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى يۇقاردىكى پىلان، باشقۇرۇش لاھىيەسىگە قارىتا يىتەرلىك بولمىغان مەزمۇنلىرىغا قارىتا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى بىرىپ 2011-يىلى يەنىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ دوختۇرخانىمىزنىڭ ئويغۇرتىبابەت سەھىيە-ساقلىقىنى ساقلاش، داۋالاش-پەرۋىش، دورىگەرلىك جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى تېخمۇ جارى قىلدۇرۇپ بىمارلارنى مەركەز قىلىپ، داۋالاش-پەرۋىش مۇلازىمەت سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھەرمىللەت خەلىق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ، خاتىرجەم ساغلام بولغان داۋالىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئەڭ ئاخىردا يىغىن ئىنتىرناتسىيونال شېئرى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

ئۈستىگە قايتىش