مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى

يوللانغان ۋاقىت:2017/05/01 كۆرۈلىشى( 5916)

خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى


4-ئاينىڭ4-كۈنى تەشۋىقات ئەترىتى ئۆزى بەلگىلەنگەن كەنتىگە يىغىلىپ، ھەرقايسى گۇررۇپپا مەسئۇللىرى ئۆز تەۋەلىك كەنتىسىدە ئاممىنى سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا بۇ قېتىملىق خىزمەتنىڭ ماھىيتى، تەلىپى ۋە مەقسىتىنى چۈشەندۈردى.

قاراقاش ناھىيىسىىنىڭ ياۋا يېزا شاخلىق كەنتە ۋە جۈمە بازار كەنتىسىگە چۈشۈردى، 33 نەپەر خادىم بىر گۇرۇپپا بۇلۇپ جۈمە بازار كەنتىگە بۈلۈندى بۇگۇرۇپپىغا دوختۇرخانا باشلقى يولداش ئالىمجان ئابدۇرېھىم بىۋاستە رەھبەرلىك قىلدى ، 23نەپەر خادىم بىر گۇرۇپپا بۇلۇپ شاخلىق كەنتىگە بۈلۈندى بۇگۇرۇپپىغا مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلقى يولداش ئۇبۇلقاسىم ئەخمەت بىلەن مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى يولداش ئادىل ئەستوللا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلدى.

يىغىندىن كىيىن 56 نەپەر خادىمنى ئىككى كەنىتىدىكى كەنىت كومتىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن بىخەتەر، ئىشەنچىلىك بولغان 56 نەپەر دېھقاننىڭ ئۆيىگە ئۇرنلاشتۇرۇلدى، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن نەخ مەيداندا ھەربىر كادىر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ ئىگىسىگە ھەر كۈنلىكى 30 يۈەندىن ئون كۈنلۈك تاماق پۇلى ئۈچۈن 300 يۈەن تاپشۇردى.

بۇ قېتىمقى خىزمەت ئاساسلقى ئائىلىمۇ-ئائىلە كىرىش، يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ، تىلى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى بىلەن، دىھقان چارۋىچىلار بىلەن يېتىپ قۇپۇشتا، غىزالىنىشتا، ئەمگەك قىلىشتا، ئۈگۈنۈشتە بىللە بولۇپ، ئۇلار بىلەن سەمىمي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، <ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئاممىنى چوڭقۇر قوزغۇتۇش تەشۋىقى-تەربىيە ماتىريالى> نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن, چۈشىنىشلىك ئاددىي تىللار ۋە ئەمىلي مىساللار بىلەن باش شۇجى شىجىنپىڭ نىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنوم رايۇننىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى> <جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىرورىزىمغا قارىشى تۇرۇش نىزامى> <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنوم رايۇنىنىڭ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى–تەرەققىيات نىزامى> <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتنىوم رايۇنىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگۈتۈش نىزامى> <9تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى> <باش شۇجى شىجىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسىگە يازغان جاۋاپ خېتى> <ئۇيغۇر قېرىنداشلارچوڭقۇر ئويلىنايلى > < يولداش شىجىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىېغىنىدا شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزى > قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلاردىن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلدى.

 

ئۈستىگە قايتىش