مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

نىرۋا-سۈيدۈك ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلەر بۆلۈمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت:2017/03/08 كۆرۈلىشى( 5843)

              نىرۋا-سۈيدۈك ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلەر بۆلۈمىنى قىسقىچە  تونۇشتۇرۇش

نىرۋا-سۈيدۈك ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلەر بۆلۈمى- دوختۇرخانىمىزنىڭ ئەسلىدىكى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ تەدرىجى تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا 2004-يىلى 10-ئايدا مەخسۇس بۆلۈم بولۇپ قۇرۇلغان .

نىرۋا-سۈيدۈك ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە 12 نەپەر كەسپى خادىم بولۇپ، مۇدىر ۋىراچ بىر نەپەر ، مەسئۇل ۋراچ ئىككى نەپەر ، بالنىست ۋراچ تۆت نەپەر ، سېستىرا بەش نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە تۇلۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە خادىم ئۈچ نەپەر، مەخسۇس كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋيىسىدىكىلەر يەتتە نەپەر، ئۇتتۇر تىخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋيىسىدىكىلەر ئىككى نەپەر.

نىرۋا-سۈيدۈك ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە 50 كېسەل كارۋىتى بولۇپ، ئاساسلىقى نېرۋا سېستىمىسى، سۈيدۈك ئاجىرىتىپ چىقىرىش سېستىمىسى ۋە ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان « بۆرەك ياللۇغى »، « بۆرەككە تاش چۈشۈش »، «مەزى بېزى ياللۇغى »، «دىئابىت كېسەللىكى»، «تۇتقاقلىق كىسەللىكى» قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈستىدە مەخسۇس داۋالاش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدىغان. داۋالاش، تەتقىقات، ئۇقۇتۇش بىر گەۋدە قىلىنغان كىلىنىك بۆلۈم بولۇپ، بۇ بۈلۈم ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، غەرىپ تېبابىتىدە داۋالاش قىيىن بولغان ياكى ئوپراتسىيە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنى تەبىئى، ساپ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى.

نىرۋا-سۈيدۈك ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلەر بۈلۈمى داۋالاش ئەمىلىيىتىدە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش سەۋەبىگە ئاساسەن، بىمارلارنىڭ مىزاجىنى ئايرىپ، كېسەللىك ماددىسىغا قاراپ مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىش، سىرتىدىن دورا تېڭىش، دورا سۈيىدە ھورداش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ بۈلۈم بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئەمەلىي داۋالاش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ 20 پارچىدىن ئارتۇق كىلىنكا ماقالىسىنى مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تىببى پەن ژورناللىرىدا ئېلان قىلدى ۋە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئالماشتۇرۇلدى.

ھازىر بۇ بۈلۈم بىمارلارنى مەركەز قىلىپ، داۋالاش سۈپىتىنى ئىزچىل تۈردە يۇقىرى كۈتۈرۈپ،بىمارلارغا تىببى مەسلىھەت بىرىش، داۋالاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە بۈلۈمدىكى تىببى خادىملار ئۆزلۈكسىز تۈردە كەسپى ئۈگىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىزدەنمەكتە.‍‍

ئۈستىگە قايتىش