مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

دوختۇرخانىمىزدا 2010-يىللىق خىزمەتلەرنى خولاسىلاش، 2011-يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ يىغىنى ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017/03/08 كۆرۈلىشى( 5784)

دوختۇرخانىمىزدا 2010-يىللىق خىزمەتلەرنى خولاسىلاش، 2011-يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ يىغىنى ئېچىلدى

خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ 2010-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاش، 2011-يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ يىغىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانا چوڭ يىغىن زالىدا داغدۇغلۇق ئېچىلدى.

يىغىنغا خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى پارتكومنىڭ ھەيئىتى، دوختۇرخانا مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئوبۇلقاسىم ئەخمەت رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

يىغىندا خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى كۈرەش تۇرسۇن، شىنجاڭ ئويغۇرتىبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تۇرغۇن ئەمەر، ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى پارتيە گۇرپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەسقەر مەتروزى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى پارتكومنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى روشەنگۇل ساۋۇر، دوختۇرخانا پارتكومى مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى ۋاڭ شىن، دوختۇرخانا مۇئاۋىن باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئەخمەت قاتارلىق يولداشلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى .

يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلاردىن يەنە دوختۇرخانىمىزنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى مۇدىر ۋىراچ مەمتىمىن مۇسا، دوختۇرخانىنىڭ سابىق باشلىقى مۇدىر ۋىراچ مۇھەممەتباقى ئالىم، دوختۇرخانىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ ئىسمايىل دۆلەت، تاشقى كېسەل بۆلۈمنىڭ سابىق مۇدىرى مۇدىر ۋىراچ مەمەتئېلى قۇرباننىياز، ئىچكى كېسەل بۆلۈمنىڭ سابىق مۇدىرى مۇدىر ۋىراچ ئابدۇغۇپۇر تۇردى، كەسپى بۆلۈمنىڭ سابىق مۇدىرى مۇدىر ۋىراچ مويىدىن غاپپار، تاشقى كېسەل بۆلۈمنىڭ سابىق مۇدىرى مۇدىرۋىراچ ئابدۇللا ماخمۇت، تىزكۆرۈش بۆلۈمنىڭ سابىق مۇدىرى ئابدىقادىر ئوسمان، دوختۇرخانا ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن نۇرى قاتارلىق دەم ئېلىشقا چىققان رەھبىرى كادىرلار ۋە پىشقەدەم مۇتەخەسىسلەرقاتناشتى.

يىغىندا دوختۇرخانا پارتكومنىڭ ھەيئىتى ، دوختۇرخانا مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئوبۇلقاسىم ئەخمەت، دوختۇرخانا پارتكومى ۋە مەمۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن2010-يىللىق خىزمەتلەردىن خولاسە دوكىلات بەردى .

دوكىلاتتا خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ۋىلايەتلىك پارتىكوم، مەمۇرى مەھكىمە ۋە ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى پارتىكومىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ئاستىدا پارتىيىنىڭ 17-نۆۋەتلىك 4-5-ئومومىي يىغىنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم 7-نۆۋەتلىك 10-ئومومىي كېڭەيتىلگەن يىغىنى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىكوم كېڭەيتىلگەن يېغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ « ئادەمنى ئاساس، بىمارلارنى مەركەز قىلىش» تېمىسىدىكى ئىلمى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيىۋى تەربىيە ۋە داۋالاش سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئومومىيۈزلۈك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ. ئىقتىسادى قۇرلۇش ۋە ئىناق جەمىيەت قۇرۇش تېمىسى چۆرىدەپ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ھەرقايسى خىزمەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى پارتكومنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى روشەنگۇل ساۋۇر.دوختۇرخانىمىزنىڭ 2011- يىلى ئىچىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە دوختۇرخانىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېلىپ بارماقچى بولغان بىرقاتار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە ھەرقايسى بۆلۈملەرنىىڭ 2011-يىللىق نىشانلىق باشقۇرۇش كۆرەستكۈچلىرىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ھەرقايسى بۆلۈم مەسئۇللىرى بىلەن 2010-يىللىق ئۇنۋىرسال باشقۇرۇش مەسئۇليىەتنامىسىنى نەقلەشتۈرۈپ،2011-يىللىق ئۇنۋىرسال باشقۇرۇش مەسئۇليىەت نامىسىنى ئىمزالىدى. دوختۇرخانا پارتىكومى مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىت شۇجىسى ۋاڭ شىن. ئىلغار كوللىكتىپ مۇنەۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئىلغار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش قارارىنى ئېلان قىلدى. يىغىندا مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى كۆرەش تۇرسۇن، شىنجاڭ ئويغۇرتىبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تۇرغۇن ئەمەر، ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى پارتىگۇرپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەسقەر مەتروزى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى پارتكومنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى روشەنگۇل ساۋۇر. دوختۇرخانا پارتىكومى مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى ۋاڭ شىن. دوختۇرخانا مۇئاۋىن باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئەخمەت قاتارلىق يولداشلار ئىلغار كوللىكتىپ ۋە ئىلغار شەخىسلەرگە مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى.

يىغندا مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى كۆرەش تۇرسۇن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ۋىلايەت مىقياسىدا پارتىيىنىڭ 17-نۆۋەتلىك 4-5-ئومومىي يىغىنى، مەركەزنىڭ ئىختىسادى خىزمەت يىغىنى روھى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يېغىنى روھى كەڭ قانات يايدۇرلىۋاتقان پەيتتە خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى 2010-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاش،2011-يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ يىغىنى ئېچىلۋاتىدۇ. مەن دوختۇرخانىنىڭ 2010-يىللىق خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن زورنەتىجىلىرىنى ۋە 2010-يىللىق خىزمەردىكى ئىلغار كوللىكتىپ، ئىلغار شەخىس، مۇنەۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. 2010-يىلى ئالاھىدە بىريىل بولدى، دۆلەتنىڭ 11-بەش يىللىق پىلانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىريىلى پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت خەلىق ۋىلايەتلىك پارتىكوم ۋە مەمۇرى مەھكىمىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ئاستىدا ھەر قايسى كەسىپ خىزمەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋىلايىتىمىز تارىخىدا ھەرقايسى كەسىپ خىزمەتلەردە تەرەققىيات زور بولغان بىريىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا خوتەن ۋىلايىنىڭ ئويغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ساھەسىمۇ ۋىلايەتلىك پارتىكوم، مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنلاپ خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. خوتەننىڭ ئويغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى2500يىلدىن ئارتۇق تارىخى ۋە ئۆزگىچە كەسپى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئارتۇقچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋىلايەتلىك پارتىكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بەش تۈرلۈك سانائەتلەندۈرۈش تۈرىنىڭ ئىچىدە ئويغۇرتىبابەت دورىگەرلىكىنىڭ سانائەتلەشتۈرلىشىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ بېكىتىشنى ئوتتۇرغا قويۇپ ۋىلايەتلىك پارتىكوم مەمۇرى مەھكىمە ئويغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ ھەرتۈرلۈك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئۇنى 12-بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى تۈرىگە كىرگۈزۈپ 12-بەش يىل ئىچىدە دوختۇرخانىنى ۋىلايىتىمىزدىكى 2مىليونغايېقىن ھەرمىللەت خەلىق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

شىنجاڭ ئويغۇرتىبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تۇرغۇن ئەمەر سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى مەملىكىتىمىزدىكى 10چوڭ نوقتىلىق مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ بىرى. مەملىكىتىمىزدىكى 10چوڭ نەمۇنىلىك مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ بىرى. ئاپتونۇم رايۇن تەۋەسىدىكى %100ئويغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان، ئويغۇر تىبابەت دورا ياسالمىرىنى ياساشتا باشلامچى نەمۇنىچى دوختۇرخانا، بۇ بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ۋە قەدىر لىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بۇنىڭدىن كېينكى تەرەققىيات جەريانىدا دوختۇرخانابىلەن ئالىي تېخنىكوم يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەمكارلىشىپ كۆرەش ۋالى ئوتتۇرغا قويغان تەلەپكە بۇرۇنراق يىتىپ خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنى مەملىكەتلىك كېلنىكا تەتقىقات بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى، دوختۇرخانىنىڭ تېخمۇ كۆپ ئويغۇرتىبابەت ۋارىسلىرىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.

يىغىن تۈرلۈك كۈن تەرتىپلەرنى مۇۋاپىقيەتلىك تاماملاپ ئىنتىرناتسىيونال ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

ئۈستىگە قايتىش