مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2017/03/14 كۆرۈلىشى( 343)

1. مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان ، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئاشقازان ، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى خىلىتسز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . 1) خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇنئى خاراكتېرلىك ئاشقازان ، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئاشقازان ، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرى خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ، خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق ، خىلىتسىز ھۆل سوغۇق ، خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇشى كېسەللىكلىرى دەپ تۆت خىل بولىدۇ . ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق بىلەن ھۆل ئىسسىقنى ئىسسىقتىن بولغان ، ھۆل سوغۇق بىلەن قۇرۇق سوغۇقتىن بولغىنىنى سوغۇقتىن بولغان دەپ قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىگە سەۋەبچى بولغۇچى ئامىل خىلىت بولمىغاچقا مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىلمەيدۇ، بەلكى سەۋەبچى بولغان ئامىلغا قارىتا تەڭشىگۈچى دورىلار بىرىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. (1) خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ① تەڭشىگۇچى دورىلارنى بېرىش ھارارەت پەسەيتكۈچى ، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى ھۆل سوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتتىكى يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن : قارئۆرۈك، ئەينۇلا ، مۇرەككەپ دورىلاردىن :لىمون شەربىتى ، ئاچچىق ئانار شەربىتى قاتارلىقلار. ② يېمەك - ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتىدىغان ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدىغان ھۆل سوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بىرىلىدۇ ، مەسىلەن ، توخۇگۆشى ، شوۋىگۈرۈچ ، ئارپا ئېىشى ، يۇمغاقسۈت ، سېمىزئوت ، زىرىق ، تاۋۇز قاتارلىقلار. ③ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش (سوغۇق سۇ ، مۇز) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، ئۇخلىتىپ داۋالاش زىمات قىلىش ( مەسىلەن ، ئاق سەندەل ، كاسىنە سۈيى ) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . ④ پەرھىز ھارارەت پەيدا قىلىدىغان ، غىدىقلىغۇچى ، قۇرۇق ئسىسىق ۋە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن پىلپىل ، بالادۇر. مۇرەككەپ دورىلاردىن لوغانزىيا، ھەببى قويىيا قاتارلىقلار پەرش قىلىنىدۇ . يېمەك - ئىچمەكلەردىن: ئات گۆشى ، پولۇ ، ياڭاق ، سۇڭپىياز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش ، كۆپ جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . (2) خىلىتسىز ھۆل سوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ① تەڭشىگۈچ دورىلارنى بېرىش بەدەننى قىزىتىدىغان ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن : قارىمۇچ، پىلپىل . مۇرەككەپ دورىلاردىن: جاۋارىش دارچىن، جاۋارىش ئەنبەر قاتارلىقلار. ② يېمەك - ئىچمىكى ھارارەت پەيدا قىلىدىغان ، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرىتىدىغان ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدىغان قۇرۇق ئسىسىق ۋە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن، باچكا گۆشى ، قوي گۆشى ، پەرمۇدە ، پولۇ ، چامغۇر، پىننە ، سەۋزە، ئانار قاتارلىقلار . ③ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش (قايناق سۇ ، خام خىش بىلەن ) ھەرىكە قىلدۇرۇپ داۋالاش ، نۇر بىلەن داۋالاش ( كۇن نۇرىغا قاقلاش) ، ياغلاش ( قەلەمپۇر يېغى ، دارچىن يېغى) ، قۇم بىلەن داۋالاش، ھورداپ داۋالاش ، قان ئېقىتىپ داۋالاش ، تېرىگە ئېلىپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . ④ پەرھىز ئاشقازاننى سوۋۇتىۋېتىدىغان ، ھەزىمگە تەسىر يەتكۈزىدىغان دورا ۋە يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن: سۆرۈنجان ، قارىئۆرۇك، مۇرەككەپ دورىلاردىن: قۇرسى كافۇر، جاۋارىش فەۋاكى، يېمەك – ئىچمەكلەردىن : بېلىق، قېتىق ، لەڭپۇڭ ، يۇمغاقسۈت، پالەك ، تاۋۇز، ئۆرۈك ، شاپتۇل قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ، سوغۇق سۇ ئىچىش ، كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش كېرەك . 2. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان ، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان ، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرى غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن ، غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن ، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان ئاشقازان ، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرى دەپ تۆت خىل بولىدۇ . بۇ خىل مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە كېسەللىككە سەۋەبچى بولغۇچى ئامىل خىلىت بولغاچقا ، قان خىلىتىدىن باشقا خىلىتلارغا قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىت كېسەللىك كەلتۇرۇپ چىقارغان بولسا شۇنىڭغا مۇناسىپ مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىلىدۇ . قان خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرگە قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى بۇ خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا ، ئۇنىڭغا قارىتا تەڭشىگۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . باشقا خىلىتلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، ئالدى بىلەن شۇ خىل خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ ، مۇسھىل بىرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. (1) غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان ، ئاشقازان ئازستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا شۇ خىل غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىغا ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى ، ئوسۇڭ ئۇرۇقى . ② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى ، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، جاۋارىش ئۇدتۇرۇش ، جاۋارىش ئامىلە ، ئىترىفىل كەشنىيز قاتارلىقلار. ③ يېمەك - ئىچمەك بېرىپ داۋالاش ھارارەت پەسەيتىدىغان ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدىغان سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، توخۇ گۆشى ، شويلا، لەڭپۇڭ ، يۇمغاقسۈت ، كەرەپشە، ئاپېلسىن ، قارىئۆرۈك قاتارلىقلار ④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( سوغۇق سۇ ، مۇز) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، ئۇخلىتىپ داۋالاش، زىمات قىلىش (مەسىلەن، ھۆل كسىنە ، ھۆل يەرلىك شوخلا) ، قۇستۇرۇپ داۋالاش، مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى ئىچكۈزۈش ئارقىلىق قۇستۇرۇش (مەسىلەن ، سېرىقچېچەك ئۇرقى، تۇرۇپ، سۈيى ) ، كلىزما قىلىپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ. ⑤ پەرھىز ھەزىمگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ، بەدەندە ھارارەت پەيدا قىلىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن : ئاقمۇچ، جەدۋار، مۇرەككەپ دورىللاردىن: جاۋارىش جالىنوس ، جا ۋارىش مىشكى ، ئات گۆشى ، قۇلان گۆشى ، كاۋاپ، گۆش گىردە ، كۈدە ، پىياز، ياڭاق ، خورما قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا بەك ئسىسىقتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ، ئىسسىق مۇھىتتا جىسمانىي ئەمگەك قىلىش ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ھەرىكەت قىلىش ، ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك . (2) غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ① تەڭشىگۇچى دورىلارنى بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان بولسا ، شۇ خىل خىلىتنىڭ تەڭشىگۈچى دورىلىرىغا ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن ، ئامىلە ، ئەينۇلا قاتارلىقلار. ② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى ، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى ، بەدەننىڭ كېسەلگە قا رشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ئامىلە نوشدارى ، قۇرش تاباشىر قاتارلىقلار. ③ يېمەك – ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتىدىغان ، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن، توخۇ كۆشى ، بېلىق گۆشى ، ئارپا ئېشى ، پۇرچاق ئېشى ، يېسىۋىلەك ، پالەك، ئالقات، بانان قاتارلىقلار. ④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( سوغۇق سۇ ، مۇز) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، قان ئېلىش، قانلىق لوڭقا قويۇش زىماد ( مەسىلەن ، زىغىر، ئاق لەيلى ) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . ⑤ پەرھىز ھەزىمگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ، ھارارەت پەيدا قىلىدىغان، قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن زەپە ، قۇندۇز قەھرى. مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەببى ئازاراقى، لوغانزىيا، يېمەك- ئىچمەكلەردىن : قوتاز گۆشى ، تۆگە گۆش، پەرمۇدە ، تۇخۇم پوشكىلى ، كۈدە، قىزىلچا ، ئۈزۈم ، خورما قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ئۇخلاش ، ھۆل - يېغىنلىق مۇھىتتا تۇرۇش، غىدىقلىغۇچى ، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . (3) غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىغا ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى ، ئاشقازاننى قىزىتقۇچى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ ، مەسىلەن ، گولدارچىن ، لاچىندانە . ② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاشقازاننى ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، جاۋارىش ئەنبەر، ماددە تۇلھايات، جاۋارىش ئۇد، جاۋارىش زەنجىۋىل قاتارلىقلار. ③ يېمەك - ئىچمىكى ھەزىمگە ياردەم بەرگۈچى ، ئاشقازاننى قىزىتقۇچى ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك–چمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، قوي گۆشى ، كېيىك گۆشى ، مائۇللەھمى، پەرمۇدە ، پىننە ، زەنجىۋىل ، ئەنجۈر قاتارلىقلار. ④باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( مەسىلەن ، قايناق سۇ ، كېپەكنى قىزىتىپ قويۇش)، ھەركەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ، نۇر ئارقىلىق داۋالاش (كۈن نۇرىغا قاقلاش) ، ياغلاپ داۋالاش( ھەر خىل ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلاش مەسىلەن ، زەيتۇن يېغى ، قەلەمپۇر يېغى ) ، قۇم بىلەن داۋالاش ، داغلاپ داۋالاش ، تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ، قان ئېقىتىپ داۋالاش ، قۇستۇرۇپ داۋالاش (مەسىلەن ، سېرىقچېچەك ، تۇرۇپ سۈيى) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تالللاپ قوللىنىلىدۇ . ⑤ پەرھىز ئاشقازاننى سوۋۇتىۋېتىدىغان ، ھەزىمنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان غىدىقلىغۇچى سوغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن، يەككە دورىلاردىن : نەرخەمەك ئۇرۇقى ، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى . مۇرەككەپ دورىلاردىن جا ۋارىش فەۋاكى ، نوقوئى تەمرى ھىندى . يېمەك - ئىچمەكلەردىن بېلىق ، شوۋىگۈ رۈچ ، قېتىق، لەڭپۇڭ ، سېمىزئوت ، يۇمغاقسۈت ، قارىئۆرۈك ، شاپتۇل قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش، سوغۇق سۇ ئىچىش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ۋە كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. (4) غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش ئاشقازان، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىغا ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى ، ئاشقازاننى قىزىتقۇچى ، ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ ، بەدەن تەبقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، لاچىندانە ھىندى ، بادام مېغىرى، شاقاقۇل قاتارلىقلار. ② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاشقازاننى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، جاۋارىش ئانارىن ، ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش ئۇد، ئامىلە قاتارلىقلار. ③يېمەك - ئىچمىكى ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى ، ئاشقازاننى قىزىتقۇچى ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، قۇشقاچ گۆشى ، ئۆردەك گۆشى ، ئارپا ئېشى ، ئۈگرە، پىننە ، سەۋلا ، ئۈجمە، قوغۇن قاتارلىقلار. ④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( كېپەك ، قايناق سۇ بىلەن) ، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ( مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلدۇرۇپ بەدەننى قىزىتىش ئۈچۈن چارە قىلىنىدۇ ) ، ئۇخلىتىپ داۋالاش (مۇۋاپىق ئۇخلىتىش ئارقىلىق بەدەندىن خۇراپ كەتكەن ھۆللۇكنى تولۇقلاش) ، ياغلاپ داۋالاش (بادام يېغى ، قوي يېغى) ، ھورداش ئارقىلىق داۋالاش ، تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ، قۇستۇرۇپ داۋالاش (دورا ئارقىىق قۇستۇرۇش) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . ⑤پەرھىز بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلىتېۋتىدىغار ، ئاشقازاننى سوۋۇتىۋېتىدىغان دورا ۋە يېمەك– ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، يەككە دورىلاردىن لىمون، زىخ، مۇرەككەپ دورىلاردىن قۇرسى كافۇر، جاۋارىش، تەمرى ھىندى. يېمەك – ئىچمەكلەردىن : بېلىق كالا گۆشى ، كۇچائاش، تۇرۇپ ، پەمىدۇر، تاۋۇز، ئالقات قاتارلىقلاردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇغ، سوغۇق سۇ ئىچىش، ھەرىكەت بەك كۆپ بولۇپ كېتىش ياكى ئۇيقۇنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك . 2. شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان ، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكى دېگەندە ، ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلىشنىڭ غەيرىي نورمال ھالەتكە كىرىپ قېلىشىغا قارىتىلغان بولۇپ ، بۇ خىل شەكىل ئۆزگىرىش كېسەللىكى كۆپىنچە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىرلاشقان باسقۇچى . شۇڭا ، بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا دەسلەپتە مۇنزچ، مۇسھىل بېرىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . 1) مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا سۆزلەنگەن شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىلىغا كېسەللىك خاراكتېرىگە قارىتا مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولسا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، شوخلا ، ھەمىشىباھار قاتارلىقلار. ئەگەر ئاشقازان تۆۋەنلەش كېسەلى بولسا، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى دورىلار مەسىلەن ، قەلەمپۇر دارچاىن قاتارلىقلار. 2) ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنى بېرىش بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، كېسەللىك خاراكتېرىگە قاراپ مەخسۇس داۋالىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. (1) ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولسا، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن ، ئەرقى شوخلا، نېلۇپەر شەربىتى قاتارلىقلار (2) تارمۇشلارنىڭ بوشاپ كېتىش كېسىلى بولسا ، پەي تارىمۇشلارنى چىڭىتقۇچى ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، جاۋارىش ئودشېرىن، ماددەتۇلھايات ، ئىترىفىل كەبىر، جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش قانسە قاتارلىقلار. (3) ئۆسمە خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، ئاغرىق پەسەيتكۈچى ، ئۆسمىنىڭ چوڭىيىشسنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسلەن ، سۇفۇپى ماربى ئەفئى، يىلان شورپىسى ، سىماب كۈشتىسى ، مەجۇنى ئازاراقى قاتارلىقلار. (4) زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك كېسدللىكلەر بولسا ، قۇسۇشنى ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، جاۋارىش سەپەرجىلى مۇمسىك، قۇرسى ئۇد قاتارلىقلار (5) ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ھۆ بولۇش، ئىشتىھاسىزلىق ۋە باشقا كېسەلىكلەر كېلىپ چىققان بولسا ، بۇنىڭغا قارىتا ئاشقازان بېزى خىزمىتىنى ياخشىلاش ، ھۆ پەسەيتىش ئىشتىھانى ئېچىش مەقسىتىدە دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەر ، قۇرسى كافۇر، قۇرسى زىيبابتوس، ئاچچىق ئانار شەربىتى ، لىمون شەربىتى ، مەجۈنى ماسكەل بۆل،سوفۇپى زىيابىتۇس قاتارلىقلار بېرىلىدۇ . 3) يېمەك - ئىچمىكى ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، سۇيۇق - سەلەڭ يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن،توخۇ گۆشى، باچكا گۆشى ، ئارپا ئېشى ، پۇرچاق ئېشى ، شويلا ، كۆك ماش، پۇرچاق، ئەنجۈر، بېھى قاتارلىقلار. 4) باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئىسسىق ئۆتكۈزۈش (قايناق سۇ ، كېپەك بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش) ، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇناسىپ ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ، نۇر ئارقىلىق داۋالاش (كۈن نۇرى، لازېر نۇرى بىلەن داۋالاش) ، ياغلاپ داۋالاش ( قەلەمپۇر يېغى ، دارچىن يېغى) ، قۇم بىلەن داۋالاش ، داغلاپ داۋالاش، تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ، قان ئېقىتىپ داۋالانش ، قوستۇرۇپ داۋالاش ، كلىزما قىلىپ داۋالاش ، زىماد قىلىپ داۋالاش ( مەسىلەن ، زىغىر، ئاق لەيلى ، بابۇنە ، ئىككىلىلمىلىك) قاتارك داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 5) پەرھىز كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى، تەستە ھەزىم بولىدىغان دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن، يېمەكلىكلەردىن كالا گۆشى ، تۇزلىغان بېلىق ، كا ۋاپ، پولۇ، لازا ، ېدە، دادۇر، شاپتۇل قاتارلىقلار. دورىلاردىن ھەببى سۆرۈنجان ، بايادەيدوس قاتارلىق دورىلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا ، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش، تاماق مىڭادارى ئاز، قېتىم سانى كۆپ بولۇش ، بىر قېتىمدا كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش لازىم . 6) ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش بەدەننى تەنقىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىرلىدۇ. مەسىلەن، جاۋارىش مىشكى، جاۋارىش ئەنبەر، ئامىلە نۇشدارى لۆلۋى، داۋائىلمىشكى ، ماددەتۇلھايات قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. 2. پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كۆپىنچە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئاقىۋىتى بولۇپ يارا كېلىپ چىققان بولسا بۇنىڭغا قارىتا جاراھەت ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دورىلار بېرىلىدۇ ( مەسىلەن ، قۇرسى كەھرىۋا، قۇرسى تاباشىر) . بۇنىڭدا مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىلمەيدۇ . ئەگەر تۇيۇقسىز سىرتقى سەۋەبتىت تەگكەن زەربە تۈپەيلى ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىدە كېلىپ چىققان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالىغان ياخشى . ئاخىرىدا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندا ئومۇمىق بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن ، ئامىلە نۇشدارى لوئلوۋى ، ئىترىفىل كەبىر، جاۋارىش ئامىلە قاتارلىقلار بېرىلىدۇ . يېمەك - ئىچمەك پەرھىزى جەھەتتە ، مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىكى يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاشتا سۆزلەنگەن يېمەك - ئىچمەكلەر ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەردە ئىستېمال قىلىدىغان تاماقنىڭ مىقدارى ئاز، تۈرى كۆپ ، قېتىم سانى كۆپ بولۇشى كېرەك . بۇخىل كېسەللىكنى باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىدىمۇ شەكىل بۇزۇلۇش كېسەللىكىدە سۆزلەنگەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

ئۈستىگە قايتىش