مۇلازىمەت نومۇرى : 2512504-0903

ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ 2013-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2017/03/08 كۆرۈلىشى( 4263)

 


يېتەكچى ئىدىيە:


     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمى مۈلۈكچىلىكتىكى دوختۇرخانىلار ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ،《ئىگىلىك تىكلەشتە يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەت ۋە سۈرئەتنى تېزلىتىش》ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، دوختۇرخانىمىز ئۇنۋېرسال بىناسىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ دوختۇرخانا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش بولۇش، دوختۇرخانىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش بولۇشتىن ئىبارەت ئىككىدە بۆسۈش بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ باشقۇرۇشتا ياخشى، سۈپەتتە يۇقىرى، تېخنىكىدا ئىلغار، مۇلازىمەتتە ئەلا بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش؛ كەسپىي كۆرسەتكۈچلەردە، 2012-يىلدىكى ئاساستا دوختۇرخانىنىڭ كەسپىي كىرىمىنى %50 ئاشۇرۇش، بالنىتسىدا ياتقان بىمارلار سانىنى %50 ئاشۇرۇپ 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش؛ ئامبۇلاتورىيە ۋە جىددىي كېسەللەر سانىنى %30 ئاشۇرۇپ 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش؛ بىمارلارنىڭ ئوتتۇرىچە بالنىتسىدا ياتقان كۈن سانىنى 2 كۈن ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش؛ دورا نىسبىتىنى %50 ئىچىدە كونترول قىلىش، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى %70 گە يەتكۈزۈش، ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى %30 گە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

     خىزمەت كۆرسەتكۈچلىرى

    《3-دەرىجىلىك مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىلىرى》نى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك《مەدەنىي ئورۇن》نى قايتا تەكشۈرۈپ باھالاش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈلىدۇ؛ تىببىي ئەخلاق، تىببىي ئىستىل بويىچە ئەرز-شىكايەت نىسبىتى %20 تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ 3-تەرەپنىڭ ئۇنۋېرسال رازىلىق نىسبىتى %90 تىن يۇقىرى بولۇشقا يەتكۈزۈلىدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە، بالنىتسىنىڭ %92 تىن يۇقىرى، ئامبۇلاتورىيىنىڭ %85 تىن يۇقىرى بولۇشقا يەتكۈزۈلىدۇ)؛ بىر بۆلۈم دۆلەتنىڭ كلىنىك نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى تۈرىگە، 1-2 بۆلۈم ئاپتونوم رايوننىڭ كلىنىك نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى تۈرىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشىلىدۇ؛ 2-3 تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ ئىختىساسلىقلار  زور كۈچ بىلەن تەربىيەلىنىدۇ ۋە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ 1 دىن 2 كىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلىم باشلامچىسى، 1 دىن 3 كىچە دوكتۇر، 5 دىن 10 غىچە ماگىستىر تەربىيەلىنىدۇ ۋە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ 10 دىن ئارتۇق تىببىي خادىم ئىچكى ئۆلكىلەرگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ۋە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلىدۇ. يۇقىرىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەر ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەر نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ:

     بىرىنچى: دوختۇرخانىمىز ئۇنۋېرسال بىناسىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ؛

     

     

    

1) پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ،《پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، تىببىي ئىستىلنى توغرىلاش، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش》تىن ئىبارەت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەزمۇنى مول، شەكلى ھەر خىل ساغلام بولغان پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئەزالىرى كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئۆزلۈكسىز ئىزدىلىنىدۇ. ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيىۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئامما ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، ئەمەلىيەتچىل، پاك- دىيەنەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا، ئىدىيەدە، نىشاندا، ھەرىكەتتە بىرلىككە كەلگەن، جەڭگىۋارلىققا ئىگە كوللىكتېپىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، دوختۇرخانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىي تەرەققىياتىنى زىممىسىگە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. بىرىنچى: رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيىۋى نەزەرىيە ئۆگىنىشى ۋە تەربىيەسىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ. دوختۇرخانا پارتكومى مەركىزى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى ھەقىقىي كۈچەيتىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشى  ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە نىشاننى باشقۇرىدىغان مۇھىم ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتۇلىدۇ، مەركىزى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئۆگىنىش ۋاقتى 12 قېتىمدىن كەم بولمايدۇ. ئىككىنچى: دىموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ.《كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىيىنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم غۇلغۇلا قىلىش، يىغىندا قارار قىلىش》تىن ئىبارەت تەدبىر بەلگىلەش پرىنسىپى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىنىپ،《ئۈچ مۇھىم، بىر چوڭ》تۈزۈمىگە چېتىلىدىغان ئالاقىدار مەسىلىلەر دوختۇرخانا پارتكوم يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ. دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ دىموكراتىك تۈرمۇش يىغىنى ئەستايىدىل تەشكىللىنىدۇ؛ ئۈچىنچى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەش كۈچەيتىلىدۇ، ئاساسلىقى باشقۇرۇش بىلىملىرى ۋە تېخنىكا ئىقتىدارى بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

2) مەنىۋى مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك《مەدەنىي ئورۇن》نى قايتا تەكشۈرۈپ باھالاش ۋاستە قىلىنىپ، تۈرلۈك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆزلۈكسىز قانات يايدۇرۇلىدۇ. دوختۇرخانا پارتكومى، مەمۇرىيەت، ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت مىخانىزمى ئورنىتىلىپ ، بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى دائىملىق خىزمەت قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، پىلانلىق، تەشكىللىك قانات يايدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى تاماملىنىپ، زېھنى-كۈچ مەركەزلەشكەن، ئىتتىپاق-ئىناق بولغان، تەرەققىيات ئورتاق پىلانلانغان ئىچكى مۇھىت شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

3) كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. تىببىي ئەخلاق، تىببىي ئىستىل قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تىببىي ئەخلاق، تىببىي ئىستىل بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى تەكشۈرۈش، نورمىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، چوڭ رېتسېپ يېزىش، قالايمىقان دورا ئىشلىتىش، پىرسەنت ئاجرىتىش قاتارلىق قىلمىشلار تۈگىتىلىپ،《شىرىنكانە》ئېلىش، شەخسي دورا ياساپ سېتىش قاتارلىق ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۈلگە كۆرسىتىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى شەيئىلەر تەربىيەلىنىپ، تەربىيەنىڭ ئۈنۈملۈكلىكى ئاشۇرۇلىدۇ. تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈزۈم بويىچە ھوقۇق، خادىم باشقۇرىدىغان، تۈزۈم بويىچە ئىش بېجىرىدىغان خىزمەت مىخانىزمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق تارماقلار ۋە خادىملارغا بولغان قانۇن-ئىنتىزام تەربىيەسى، ئاگاھلاندۇرۇش تەبىيەسى ۋە نازارەتچىلىك-ھەيدەكچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، ئەرز-شىكايەت يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئۇچۇرلاشقان ئەرز-شىكايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئوبرازى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

4) مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىممەت قارىشى ۋە تەقدىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەربىيەسى كۈچەيتىلىپ، دوختۇرخانا روھىنى مۇزاكىرە قىلىش پائالىيتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. دوختۇرخانا گىرىبى، دوختۇرخانا مارشى ۋە دوختۇرخانا بايرىقى لايىھەسى جەمئىيەتتىن ھەقلىق يىغىۋېلىنىدۇ. دوختۇرخانا تارىخى كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇلۇپ، دوختۇرخانا گېزىتى چىقىرىلىپ، دوختۇرخانا  تور بېكىتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. 《ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مەدەنىيەت قوللانمىسى》،《ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى سېزىمىنى پەرىقلەندۈرۈش سىستېما قوللانمىسى》تۈزۈلىدۇ، 《ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرى》،《ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇكاپاتلاش-جازالاش تۈزۈمى》گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ بېسىپ تارقىتىلىدۇ.

5) دوختۇرخانىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ. تەشۋىقات خىزمىتىدە ئىچى بىلەن تېشىنى بىرلەشتۈرۈش، ئىجابىي يېتەكلەش، يۈزتۇرانە تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ. نۇقتىلىق مەخسۇس كېسەللىك، مەخسۇس بۆلۈملەر، ئۇيغۇر تىبابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە كېسەللىك تۈرلىرى، دوختۇرخانا ئىچىدىكى دورا ياسالمىلىرى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرلەر ۋە ياش، ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسسسىلەرنى تەشۋىق قىلىش پىلانلىق، قەدەم-باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەتچلىك-دورىگەرلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بىلەن نەزەرىيە تەتقىقاتى كۈچەيتىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق مۇھىت ھازىرلىنىدۇ. ئۇنۋېرسال بالنىست بىناسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىگە ئالاقىدار تەشۋىقات خىزمىتى ياخشى پىلانلىنىپ، دوختۇرخانىنىڭ داڭقى ۋە تەسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

6) ئۈچۈرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. ئۇچۇرلاشقان دوختۇرخانا قۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلىپ، دىئاگنوز قويۇپ داۋالاشنى ئېلېكترونلۇق بىرىكتۈرۈش، باشقۇرۇشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئېلېكترونلۇق كېسەللىك تارىخى يادرو قىلىنغان دوختۇرخانا ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە ئامبۇلاتورىيە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېتەكلەش سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ؛ دوختۇرخانا بويىچە خىزمەتلەرنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى، سېفىرلاشقان يەتكۈزۈش تور سىستېمىسى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى كونترول قىلىش سىستېمىسى، بىر كارتا ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، سېفىرلاشقان ئالاقە سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيغۇر تىبابەت ئۇچۇرلىرى مەركىزى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەمكارلاشقۇچى دوختۇرخانىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

7) ئۇنۋېرسال نىشانلىق باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. بۆلۈم مۇدىرلىرىنى ئۇنۋېرسال نىشانلىق باشقۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاش تۈرلىرى كۆپەيتىلىدۇ ھەم ھەر بىر تۈرگە قارىتا مۇكاپاتلاش-جازالاش ئۆلچىمى ئېنىق بېكىتىلىپ، تەكشۈرۈپ باھالاش مەزمۇنلىرى ئىلمىي بولۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى سېفىرلاشقان بولۇش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش جەريانى ئۆلچەملەشكەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

8) ئىقتىساد ئايلىنىشنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. سۈپەت ئارقىلىق كىرىمنى كۆپەيتىش، مىقدار ئارقىلىق كىرىمنى كۆپەيتىش ۋە يېڭىلاش ئارقىلىق كىرىمنى كۆپەيتىش چۈشەنچىسى كۈچەيتىلىپ، كىرىمنى كۆپەيتىش ئۈنۈمى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ؛ كىرىمى ئاشقان، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بۆلۈملەر ۋە تۈرلەر مۇكاپاتلىنىپ، دوختۇرخانا بويىچە كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ %20 تىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. تەننەرخ خىراجىتىنى پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەبلەغنى ئىشلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. داۋالاش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بىمارلارنىڭ خىراجىتى بۆلۈملەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، كىرىم بىلەن چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنۋېرسال بىنا تۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش جەريانىدىكى ئۈسكۈنە-سايمانلارنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

2.《3-دەرىجىلىك مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىلىرى》نى تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈتىۋېلىش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، داۋالاش، پەرۋىش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.        

 1) تۈزۈم قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. 14 تۈرلۈك يادرولۇق تۈزۈم قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ماجرالار، كەمچىلىكلەر ۋە كېسەللىك مىسالىدىكى خاتالىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى كۈچەيتىلىپ ئاساسىي سۈپەتنى داۋاملىق ياخشىلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

2) كېسەللىك ئارخىپى سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. سەھىيە مىنىستىرلىكى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن《يېڭى كېسەللىك تارىخى يېزىش ئاساسىي قائىدىسى》كۈچەيتىلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، مەسئۇل ۋراچلار، سۈپەتنى كونترول قىلىش گۇرۇپپىسى، بۆلۈم مۇدىرلىرى، كېسەللىك ئارخىپى ئىشخانىسى قاتارلىق تۆت دەرىجىلىك سۈپەتنى كونترول قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ، كېسەللىك ئارخپىنى يېزىش بويىچە تەربىيەلەش، ياخشى-ناچار كېسەللىك ئارخىپىنى سېلىشتۇرۇپ باھالاش قاتارلىق داۋاملىق ياخشىلاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ ۋە كۈچەيتىلىپ، ھەر ھەپتىدە ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ھەر ھەپتىدە سۈپەتنى كونترول قىلىش، ھەر ھەپتىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش خىزمىتى  ياخشى ئىشلىنىپ، بالنىتسىدىن چىققان كېسەللىك ئارخىپىنىڭ  A دەرىجىلىك بولۇش نىسبىتى %95 تىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

3) بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. مەسئۇلىيەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى كۈچەيتىلىپ داۋالاش خېيىم-خەتىرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. جىددىي كېسەللىكلەر، ئوپېراتسىيە، قان سېلىش، كۈزىتىش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلارنى باشقۇرۇش ھەم  كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى، رېئاكسىيە تارىخى، ئۇرۇقداشلىق تارىخى قاتارلىق ھالقىلار ۋە ئىنچىكە ھالقىلارنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ قاتتىق تەكشۈرۈپ سېلىشتۈرۈلىدۇ، تەرتىپلەر چىڭىتىلدۇ، ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىلدۇ، مەشغۇلاتتا ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈلىدۇ.

4) كلىنىكىدا دورا ئىشلىتىش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. ئانتىبئوتىك دورىلارنى كلىنىكىدا ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مۇداپىئە خارەكتېرلىك دورا ئىشلىتىش دائىرىسى ۋە ۋاقتى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئاشكارىلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، كلىنىك دورىگەرلەر ئاپخوت قىلىش، كېڭەشمە دىئاگنوز تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىپ، دورىلارنىڭ ناچار تەسىرىنى تەكشۈرۈش ۋە دوكلات قىلىش كۈچەيتىلىپ، كلىنىكىدا دورا ئىشلىتىشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

5) پەرۋىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. پەرۋىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، سېسترالار باشلىقىنى ئۇنۋېرسال نىشانلىق باشقۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؛ پەرۋىش خىزمىتىگە ئالاقىدار تەتقىقات پائال قانات يايدۇرۇلۇپ، پەرۋىش ئىچكى سۈپىتى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلىدۇ؛ 《ئەلا سۈپەتلىك پەرۋىش مۇلازىمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى》پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، كلىنىك پەرۋىش خىزمەت سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

 6) ئۈچ ئاساس بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاش كۈچەيتىلىدۇ. ئۈچ ئاساس ئۈچتە قاتتىق بولۇش، كېسەللىك ئارخىپى يېزىش، مەشغۇلات تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە قانۇن-قائىدە قاتارلىق مەزمۇنلار كۈچەيتىلىپ، تىببىي خادىملارنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

3. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇتۇلۇپ مۇلازىمەت ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

1) ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىنىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۈنۈم مائاشى ئالدىنقى بىر يىلغا سېلىشتۇرغاندا %15 ئەتراپىدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، كۆپ خىل شەكىل ۋە يوللار ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قېيىنچىلىقى ھەل قىلىنىدۇ. يىل ئىچىدە ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئىگىز قەۋەتلىك ئولتۇراق بىنا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تاماملاشقا تىرىشىلىدۇ. مۇكاپاتلاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، تېخنىكا ئىقتىساسلىقلىرىنىڭ تەمىناتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

2) بىمارلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىنىدۇ. ئالدىن كېلىشىپ دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى نامىدىكى ئالدىن كىلىشىپ دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت شەكلى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. 365 كۈنلۈك ئوموميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن داۋالاش مۇلازىمىتى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئامبۇلاتورىيە خىزمىتى، تەكشۈرۈش، داۋالاش ۋە ئوپېراتسىيەلەرنىڭ دائىملىق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. مەمۇرىي-فونكسيىلىك بۆلۈملەر، ئارقا سەپ تارماقلىرى كلىنىك بۆلۈملەرگە، كلىنىك بۆلۈملەر بىمارلارغا، دوختۇرخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، كلىنىك 1-سەپ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى كۈچەيتىلىپ، تۆۋەنگە يەتكۈزۈش، تۆۋەندىن يىغىۋېلىش، تۆۋەنگە چۈشۈپ مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ. خوجىلىق باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ ئۈسكۈنە-سايمانلارنى ئاسراش، رېمونت قىلىش، نورمال ئايلىنىشىغا ۋە مۇھىت تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاپتوموبىللار قاتتىق باشقۇرۇلۇپ ئاپتوموبىل ئىشلىتىش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.

4. ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇش، مەملىكەت ئىچىدە يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇش نىشان قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىكىنىڭ دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئىلغار تېخنىكىسى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

1) ئىلىم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئىلىم تەرەققىياتىدا مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچلەر تۈزۈلۈپ، ئىلىم قۇرۇلۇشىنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش قانات يايدۇرۇلۇپ بۆلۈم مۇدىرلىرىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈپ باھالىشىغا كىرگۈزۈلىدۇ. نۇقتىلىق ئىلىم  ۋىۋېسكىسى ئېسىلغان بۆلۈملەرگە سىياسەت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىلىپ يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ماددىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

2) يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ. يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرلەر ئۆزىمىزدىن بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ ياكى كىرگۈزۈلىدۇ، كىرگۈزۈپ داۋالاش، مىكرو زەخمىنى داۋالاش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار قانات يايدۇرۇلۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

3) تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تەتقىقات خىراجىتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش مىخانىزمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ تېرە كېسەللىكلىرى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقات سەھنىسىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق نەتىجىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

4) نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈملەر قۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ كلىنىك نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى تۈرى ۋە دۆلەت جۇڭيى تىبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تىبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكى ئىدارىسىنىڭ نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى تۈرى تېزلىتىلىپ، نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم ۋىۋېسكىسى ئېسىلغان بۆلۈملەرگە سىياسەت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىلىپ يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ماددىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

    5) ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئىختىساسلىقلارنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئىختىساسلىقلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئىختىساسلىقلار ئامبىرى قۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جانلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، ئىختىساسلىقلارغا ياردەم بېرىلىدۇ.

6) كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. شىتات ۋە ئىش ئورنىنى بېكىتىش، تەكلىپ بىلەن ۋەزىپىگە قويۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق ھالقىلار چىڭ تۇتۇلىدۇ، تەكلىپ بىلەن ۋەزىپىگە قويۇش تۈزۈمى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

7) ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش كۈچەيتىلىدۇ. ياش، ئوتتۇرا ياشتىكى كەسپىي تايانچىلارنى ئىش ئورنىدا ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. ئۇنۋان ئۆستۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتى بىلەن ئۆگىنىشنى چېتىلدۇرۇش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؛ ۋراچلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش، ئۇنۋېرسال ۋراچلارنى ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ دوختۇرخانىمىز بىلەن جۇڭگو جۇڭيى تىبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش سەھنىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىلىم باشلامچىلىرى ۋە تېخنىكا تايانچىلىرى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ۋە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلىپ، كەسپىي ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.  


ئۈستىگە قايتىش